قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئۆز ساداقىتى بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغان-- ياڭ جۇڭ»

2018-12-28 10:44:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياڭ جۇڭ، 1909- يىلى 9- ئايدا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنفۇ ناھىيە جىنتيەن يېزىسىنىڭ نەنجياڭ كەنتىدە بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، داچياۋ يېزىسى ئۆسمۈرلەر ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، يېزىلىق سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1930- يىلى جۇڭگو ئىشچى- دېھقان قىزىل ئارمىيەسىگە قاتناشقان. شۇ يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1934- يىلى 10- ئايدا ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، شىمالىي شەنشىگە بارغاندىن كېيىن قىزىل ئارمىيە داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

1937- يىلى مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ياڭ جۇڭ 8- ئارمىيە 115- شىسى خەلق ھەرىكىتى خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1938- يىلى 9- ئايدا شەندۇڭ لېلىڭغا بېرىپ، 8- ئارمىيەنىڭ جىياڭ تارماق ئەترىتىنى قۇرۇپ، بۇ ئەترەتنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. 1940- يىلى شىمالىي شەندۇڭ تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانى قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان.

1941- يىلى خېبېي- شەندۇڭ چېگرا رايونىدىكى جەنۇبىي تيەنجىن تارماق ئەترىتى بىلەن شىمالىي شەندۇڭ تارماق ئەترىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، 115- شى تەلىم- تەربىيە 6- لۈي، قوشۇمچە خېبېي- شەندۇڭ ھەربىي رايونى قىلىپ تەشكىللەنگەندە، ياڭ جۇڭ سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان. 1941- يىلى 7- ئايدا يۇقىرىنىڭ خېبېي- شەندۇڭ چېگرا رايونىدا شىمالىي شەندۇڭنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئېچىش، چىڭخې رايونى بىلەن بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىككى تايانچ بازىنى تۇتاشتۇرۇش يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ياڭ جۇڭ تەلىم- تەربىيە 6- لۈي سىياسىي بۆلۈمى ئورگىنى، تەشۋىقات چوڭ ئەترىتى ۋە 17- تۈەننى باشلاپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئاتلانغان. ئۇلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ داغدۇغىسىنى قوزغاپ ئاممىغا قارىتا تەشۋىق- تەربىيە ئېلىپ بارغان ۋە سەپەرۋەر قىلغان. 1941- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ياڭ جۇڭ قىسىمنى باشلاپ خۇيمىن ناھىيەسى زىجياۋ بازىرىنىڭ جياخې دەرياسى ئەتراپىغا يېتىپ بارغاندا، ياپون ئارمىيەسىنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغان. ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى شىددەتلىك جەڭدە، ياڭ جۇڭ 32 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى