قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قەلەمنى تاشلاپ ئەلەمنى قولغا ئېلىپ، ئاچلىق ئېلان قىلىپ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانى ۋۇ خېڭتۇڭ»

2018-12-29 12:18:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋۇ خېڭتۇڭ، تەخەللۇسى تيەن شيا، 1903- يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۈروڭ ناھىيەسى بەيتۇ بازىرى شىشى كەنتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1925- يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 3- سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ۋۇشى ناھىيەلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۈروڭ ناھىيەلىك قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، نەنتوڭ سىفەن مەكتىپى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، جۈروڭ ناھىيەسىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى؛ 1936- يىلى تەيشىڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1937- يىلى مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان. 1938- يىلى 3- ئايدا، گومىنداڭ تەيشىڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.

1938- يىلى 10- ئايدا، ۋۇ خېڭتوڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ تۈرمىدىن چىقىپ، چېن يى، گۈەن ۋېنۋېيلار بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پىلانى ئۈستىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشقان ھەمدە ئوغلى ۋۇ جيەنسۇڭنى يېڭى 4- ئارمىيە شىتابىنىڭ تەلىم- تەربىيە باش ئەترىتىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. 1939- يىلى 11- ئايدا، جۈروڭ ناھىيەسىدىكى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ قوغدىنىش تۈەنى يېڭى 4- ئارمىيە جەنۇبىي جۇڭگو قوماندانلىق شىتابىنىڭ 3- تۈەنىگە ئۆزگەرتىلگەن، ۋۇ خېڭتوڭ تۈەنجاڭ بولغان ھەمدە شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.

1941- يىلى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماۋشەن رايونىدا قايتا- قايتا «تازىلاش» ئېلىپ بارغان، ۋۇ خېڭتۇڭ جياڭسۇنىڭ جۈروڭ ناھىيەسىدە قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن.

1941- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، ۋۇخېڭتوڭ داباشاڭ كەنتىدە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. ياپونىيە ئارمىيەسى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە ئازدۇرۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى ۋۇ جيەنبونى قاماقخانىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. لېكىن، ۋۇ خېڭتوڭ ئۇدا 8 كۈن ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئۇ شۇ چاغدا 38 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى