قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

<ئىنتېرنېت تورى بىلەن كەسپلەرنى بىرلەشتۈرۈش>-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

2018-12-30 16:08:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى «ئىنتېرنېت تورى بىلەن كەسپلەرنى بىرلەشتۈرۈش» نى تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
يېقىندا، بېيجىڭ «كۈەيشۇ» پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بېيجىڭ «كۈەيشۇ» پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېخنىكا ۋە تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇمۇلنىڭ ساياھەت بايلىقىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىدىغان بولدى. ھازىر، بېيجىڭ «كۈەيشۇ» پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇمۇل شەھىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن تەشۋىقات فىلىمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى يەنە 80 مىڭدەك ئابونىتچى قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق قۇمۇلنىڭ مەنزىرىسى، قۇمۇلنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، قۇمۇلنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولدى. بېيجىڭ «كۈەيشۇ» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى يى شۈەن مۇخبىرغا،«كۈەيشۇ» سۇپىسىنىڭ ئېقىم ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قۇمۇل ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىسقا فىلىم ۋە بىۋاستە كۆرسىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، قۇمۇلنىڭ ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى «ئىنتېرنېت تورى بىلەن كەسپلەرنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى ئارقىلىق داڭلىق ماركىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى. بوغدا كۆلى سەيلىگاھى «تېڭشۈن» تورى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يان تېلېفون بىلەن بوغدا كۆلىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. قاناس «يۈەنشىڭ» تورى-- قاناس مەنزىرە رايونىنى يادرولۇق بايلىق مەنبەسى قىلىپ، قاناس كۆلى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى، مېھمانسارايلار، مەززىلىك تائاملار، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، ئويۇن قويۇش قاتارلىق كەسىپ بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى كود سىكاننىرلاش ئارقىلىقلا ساياھەتچىلىكتىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر ئالاقە تورى تېز پويىزىغا بەس- بەستە يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئىنتېرنېت تورى بىلەن كەسپلەرنى بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مول بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى «داتاڭ» يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل باش نازارەتچىسى ياڭ جيەنلۇڭ شىركەتنىڭ «ئەلى بابا» گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان يېڭى تۈرى-- «شىنجاڭغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش-- شىنجاڭدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش يىغىنى»غا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. ياڭ جيەنلۇڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ تۈر 2019- يىلى1- ئاينىڭ 4- كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. شۇ چاغدا، خوتەننىڭ چىلىنى، تاشقورغاننىڭ مۇزلۇق ياڭيۇسى، چىڭگىلنىڭ جىغىنى قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق ئالاھىدە مەھسۇلات توردا سېتىلىدىكەن. ياڭ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئەلى بابانىڭ شىنجاڭدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش قانىلىدا، ئەلى بابانىڭ تور بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنى توردا سېتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى يولغا قويىمىز.
شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، خاس ماركا يارىتىش ئارقىلىق،3- تەرەپ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، سېتىشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئەشيا ئوبوروتى، ئىسكىلاتتا ساقلاش بازىسى قۇرۇش، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆزىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەننەرخ، ئەشيا ئوبوروتى، ماركا، سېتىش ئەندىزىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلارغا ساتتى. شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى «داتاڭ» يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى دېڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسىنىڭ 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى. شىركەت يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيەلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يۆلەشكە پائال كۈچ چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىگە كۈچ قوشىدۇ. بىز بۇ يوللار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا ئېلىپ كىردۇق ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئەنئەنىۋى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەپ، مەھسۇلاتنىڭ بەزى يېڭى ئۆلچەملىرىنى ياراتتۇق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ قىممەتنىڭ تەقسىمات زەنجىرىگە قاتناشتۇرۇشقا تىرىشتۇق.  

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى