قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

25 يىل سەمىمىي لەۋزىدە تۇرۇپ تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرغان مەملىكەت بويىچە ئىلغار يەككە سودا- سانائەتچى ۋاڭ يۈمېي

2019-01-01 13:08:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
«مەملىكەت بويىچە ئىلغار يەككە سودا- سانائەتچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ۋاڭ يۈمېي 25 يىلدىن بۇيان تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.
  ۋاڭ يۈمېي ھەر كۈنى سەھەردە شىركىتىنىڭ قەرەللىك يىغىنىنى ياڭراق شوئار بىلەن باشلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، «سەمىمىي تىجارەت قىلىش» دېگەن سۆز ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. ۋاڭ يۈمېي مۇنداق دېدى: ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە كۈندە «سەممىي تىجارەت قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەيمىز.
1993- يىلى ۋاڭ يۈمېي يولدىشى بىلەن بىرلىكتە 10 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ، كۈيتۈندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ كىچىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاچقا، تىجارىتى كۈندىن-كۈنگە روناق تاپتى1997- يىلى8- ئايدا، «خۇالىڭ»بازىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن ۋاڭ يۈمېي بۇ يەردىكى تۇنجى تۈركۈم تىجارەتچىگە ئايلاندى. ئۇ تىجارەت دائىرىسىنى كىچىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى سېتىشتىن كىرالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنى سېتىشقىچە كېڭەيتتى. بۇ جەرياندا ئۇ تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.
   2000-يىلىنىڭ باشلىرىدا، بىر كىرالغۇ زاۋۇتى ۋاڭ يۈمېينى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ ئۇنى سېتىش ۋاكالەتچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ۋاڭ يۈمېي قارشى تەرەپكە ماقۇل بولدى ھەمدە بىر تۈركۈم مال زاكاس قىلدى.  ۋاڭ يۈمېي بۇ كىرالغۇلار سېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سۈپەت جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئەينى چاغدا زاۋۇت خېرىدارلارنى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمىگەچكە، ۋاڭ يۈمېي يېنىدىن 13 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىرىپ، ئادەم تېپىپ بۇ كىرالغۇلارنى رېمونت قىلدۇرۇدى. ۋاڭ يۈمېي مۇنداق دېدى: تىجارەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىستېمالچىلارنى زىيانغا ئۇچراتسام بولمايدۇ. ئۆزۈم زىيان تارتساممۇ ئىستېمالچىلارغا چوقۇم مەسئۇل بولىمەن. بۇ مېنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.
كىرالغۇ ۋەقەسىدىن كېيىن ۋاڭ يۈمېي «خۇالىڭ» بازىرىدا ئۆزىنىڭ سەمىمىيەت «ئىسىم كارتىسى» نى تىكلىدى. نۇرغۇن زاۋۇتلارمۇ ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ۋاڭ يۈمېي مۇنداق دېدى: مەن تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاچقا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تىجارىتى چەمبىرىكىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىم. «شىنفېي» زاۋۇتى، «كاڭجيا» گۇروھى پاي چەكلىك شىركىتىدىكىلەر مېنى ۋاكالەتچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپلا قالماي، ئون نەچچە زاۋۇتدىكىلەرمۇ كېلىپ مېنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋاڭ يۈمېي تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاچقا، تىجارەت يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپلا قالماي، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىكىدىكى ماركىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، سېتىلىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. 2007- يىلى ۋاڭ يۈمېي سودا شىركىتى قۇردى ھەمدە مەملىكەت بويىچە يەتتە داڭلىق ماركىدىكى 700 خىل ئۆلچەملىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا ۋاكالەتچى بولدى. 2016- يىلى 12- ئايدا، ۋاڭ يۈمېي «مەملىكەت بويىچە ئىلغار يەككە سودا- سانائەتچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ۋاڭ يۈمېي مۇنداق دېدى: تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش شىركىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس ئاساسىي مەقسىتى. تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش تىجارەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىستىمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىمەن.  تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى