قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2019-01-01 22:15:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

12- ئاينىڭ 29- كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى 

  ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2019- يىللىق يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بىز ئۆگىنىشنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىشىمىز، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشىمىز ھەم تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، ھەم خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىمىز، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلارغا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر- ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرگە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە سەمىمىي بەخت تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىدا قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ- ئاۋمېن خىزمىتى ۋە تەيۋەن خىزمىتى، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قاتتىق بولۇشنى 1- ئورۇنغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، باشتىن- ئاخىر قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى داۋاملىق ساپلاشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018- يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، بىز داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش دەل قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، بۇ يىل مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان 78 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە باشقا 80 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەنە 171 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 329 تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىز 1932 تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىمىزنى جاكارلىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشىمىز، مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىشىمىز، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىشىمىز كېرەك. بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىشىشىگە مەدەت بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2018- يىلى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، سىياسەت جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. 2019- يىلى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىدىيە- سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى كۈچەيتىشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك بىرلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  چاي سۆھبىتىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىدە، 2018- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، خۇلاسىلىدى، 2019- يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگىمۇ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىرنىيەت، بىرمەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، سىياسەت جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىكى ئاكتىپ نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چاي سۆھبىتىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە زاتلار ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. ئاخىرىدا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ «ئىتتىپاقلىق − كۈچ»نى جاراڭلىق ئېيتتى، يىغىن مەيدانى خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان بېيجىڭدىكى پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى