قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ساۋ گۈيلەن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان سەنئەت ئۆمىكىنى يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام سەھنىلىرىدە ئۇيۇن قۇيۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلدى

2019-01-03 11:41:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ماناس ناھىيەسىنىڭ«چىسەي فېڭچېڭ» ئەلئارا سەنئەت ئۆمىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋ گۈيلەن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان سەنئەت ئۆمىكىنى يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام سەھنىلىرىدە ئۇيۇن قۇيۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ساۋ گۈيلەن «چىسەي فېڭچېڭ» ئەلئارا سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەرنى يېتەكلەپ قىش پەسىللىك مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش نومۇرلىرىنى رېفىتىس قىلدى. بۇ سەنئەت نومۇرلىرى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تەرەققىيات نەتىجىلىرى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ تەييارلانغان بولۇپ، جانلىق، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە ئىدى. ساۋ گۈيلەن مۇنداق دېدى: سىياسەتنى ناخشا، مەدەنىيەت تەشۋىقات كۆزنىكى ئارقىلىق كۆپچىلىككە يەتكۈزۈپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمىز.
بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن ساۋ گۈيلەن ياش ۋاقتىدىلا ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشنى ياخشى كۆرەتتى،1995- يىلى ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن شۇ جايدىكى ياشانغانلار داشۆسىگە ئوقۇشقا تىزىملىتىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئەلنەغمە قاتارلىق كۆپ خىل قىزىقىش سىنىپلىرىغا قاتناشتى ھەمدە ئۆزىگە ئوخشاش ئەدەبىيات- سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئاچا- سىڭىللار بىلەن تونۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ساۋ گۈيلەندە يەنە ئەلئارا سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەش ئويى پەيدا بولدى. ئوي گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۆمەك تەشكىللەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ساۋ گۈيلەن مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا كىيىم- كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرى يوق ئىدى، مەن مائاشىمنى چىقىرىپ توپ سېتىش بازىرىغا بېرىپ رەخت سېتىۋالاتتىم، كۆپچىلىك10، 15 كۈن سەرپ قىلىپ سەھنە كىيىملىرىنى قول بىلەن تىكەتتى.
ساۋ گۈيلەننىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، سەھنە كىيىمى، سەھنە جابدۇقلىرى، مەيدان، خىراجەت قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، ئۇلار ئەلئارا ئويۇن قويۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلارنى مەھەللە، يېزا، ھەربىي گازارما ۋە مەكتەپلەرگە يەتكۈزدى. 2008- يىلى، ساۋ گۈيلەننىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئېشىپ، ماناس ناھىيەسى «چىسەي فېڭچېڭ» ئەلئارا سەنئەت ئۆمىكىنى تەشكىللىدى. نۆۋەتتە، سەنئەت ئۆمىكىدە ئالتە شۆبە ئەترەت، 100 دىن ئارتۇق ئارتىس بار. ساۋ گۈيلەن مۇنداق دېدى: ئارتىسلارنىڭ ياشقا ئەڭ چوڭلىرى 70 نەچچە ياش، ئەڭ كىچىكى 45 ياش، بىز قىزغىنلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشقانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز.
10يىلدا، ساۋ گۈيلەن ئۆمەكنى باشلاپ، مىڭ مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇپ، 80 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىنغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا خوشاللىق ئاتا قىلدى. ساۋ گۈيلەن سانجى ئوبلاستى بويىچە مەدەنىيەت باشلامچىسى، سانجى ئوبلاستى بويىچە شىنجاڭ مۇزىكىسى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى بولۇپ باھالاندى. ساۋ گۈيلەن مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەخت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ» دېگەن سۆزىنى، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭسىڭىز، ھوسۇل ئالالايسىز، دەپ چۈشەندىم.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى