قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇماي، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

2019-01-04 16:32:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدىكى كىچىك يايمىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىشتىن خوتەن «ئالەم» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا، شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇماي، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم يېڭىدىن قۇرۇلغان گىلەم زاۋۇتىغا كېلىپ، خوتەن شەھىرى تۇساللا يېزىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 85 نامرات ئاھالىنى يوقلىدى.
36ياشقا كىرگەن ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم كىچىكىدىن تارتىپلا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودا شەھەرچىسىدە ئىشلەپ، تەجرىبە توپلىدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ يىغقان پۇلىنى ئېلىپ خوتەن شەھىرىدىكى گۈلباغ يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدا 10 كۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يايما ئورنىنى ئىجارىگە ئېلىپ، DVD، ياڭراتقۇ، توك قازان قاتارلىق كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ساتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەندە، دۇكىنىمنىڭ مەبلىغى يېتىشمەي، مەبلەغ جەھەتتە قىينىلىپ قالدىم. بۇنىڭدىن باشقا تونۇش- بىلىشلىرىم ئاز بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاز  بولدى. شۇڭا، مەن بىر تەرەپتىن مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلسام، يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەمدە مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم.
ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، غەيرەتكە كېلىپ، تىجارەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئىمىنجان ئوبۇلقاسىمنىڭ دۇكىنىغا كېلىدىغان خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى. 2005- يىلى ئۇ ئىجارىگە ئالغان يايما ئورنىنىڭ كۆلىمىنى 300 كۋادرات مېتىرغا كېڭەيتتى. 2011- يىلى، ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم رويخەتكە ئالدۇرغان 2 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ بىلەن خوتەن «ئالەم» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، خوتەن شەھىرىدىكى گۈلباغ سودا سارىيىنىڭ يەر ئاستى 1- قەۋىتىدىكى 1 مىڭ 500 كۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، داڭلىق ماركىلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ساتتى. 2014- يىلى، ئۇ يەنە گۈلباغ سودا سارىيىنىڭ 4- قەۋىتىدىكى 4 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆي جاھازلىرى سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى «بىر پونكىت شەكلىدىكى» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە خوتەن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا- بازارلاردا 28 زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ %80 تى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن. مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن كارخانىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىمەن. تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ھەسسە قۇشىمەن.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى