قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى

2019-01-05 20:06:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
 ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ـ كەنت ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
 نۆۋەتتە، سانجى شەھىرىنىڭ ئېرليۇگۇڭ بازىرىغا جايلاشقان سانجى شەھىرى شېڭخۇا سودا شىركىتىنىڭ بۇغا بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا قوتاندىكى قالدۇق بۇغا 700 تۇياققا يەتكەنىدى. بۇ بازا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تىيانشان بۇغىسى، ئالتاي بۇغىسى بېقىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر يىلى زور مىقداردا يەم- خەشەك، ئوت- چۆپ، بۇغا ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بازىنىڭ باشقۇرغۇچىسى يى سەيجۈن مۇخبىرغا كارخانىنىڭ بۇنداق تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ سانجى شەھىرىنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يول قاتنىشىمىز شۇنداق ناچار ئىدى. ھازىر يول ياسىلىپ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى، بۇ بەك ياخشى بولدى. ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆلىمىمىز كىچىك ئىدى، ھازىر يوللار ياخشى بولۇپ كەتتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمىز بىر مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، يىللىق پايدىمىزنىڭ 10 پىرسەنتىنى يۇقىرىغا تاپشۇرىمىز.
 ھاجەتخانا- كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي تازىلىق ئەسلىھەسى بولۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم بەلگە. باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى بۇغان كەنتىدىكى ئاھالە ھۆرىگۈل ياسىن ئۆيدىكىلەرنىڭ كىيىملىرىنى كىرالغۇ بىلەن يۇيۇپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزگەرتىپ سېلىنغان تازىلىق ئۆيىدە، يەر يۈزى ۋە تامدىكى فارفور خىشلار پارقىراپ تۇراتتى. سۇ ئىسسىتقۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى تىلغا ئالغاندا، ھۆرىگۈل ياسىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھاجەتخانىمىزدا چىۋىن بەك كۆپ ھەم مەينەت ئىدى. ھازىر ھاجەتخانىلىرىمىز سۇ بىلەن چايقىلىدىغان بولغاچقا، چىۋىنمۇ، سېسىق پۇراق يوقىدى، دائىم پاكىز تۇرىدىغان بولدى.
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، كىچىك شەھەر- بازار قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۈيسۇ بازىرىدا مۇخبىر رەتلىك، كۆركەم بىنالارنىڭ پاكار، كونا كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنى، پاتقاق چىغىر يوللارنىڭ كەڭ، تۈپتۈز ئاسفالىت يولغا ئايلانغانلىقىنى، يېڭى قۇياش ئېنىرگىيەلىك يول چىراغلىرىنىڭ يارقىن مەنزىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆردى. كۈيسۇ بازىرىنىڭ كۈيسۇ كەنتىدىكى ئاھالە خۇ مېيشيا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئۆيى نەپىس بىزەلگەنىدى. سۇ تۇرۇببىسى، پاسكىنا سۇلارنى چىقىرىۋېتىش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق ئىدى. خۇ مېيشيا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن بىنانىڭ يېنىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش باغچىسىدا چېنىقىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر يېزىدىكى تۇرمۇشىمىزنىڭ شەھەردىكىلەر بىلەن پەرقى قالمىدى. بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانىمىز بار، ھازىر ياخشى ئۆيدە ئولتۇرىمەن، كۈنلىرىم ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ.
 گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدا يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىشان قىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۈزەل قەلب يارىتىش، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى قۇمساراي كەنتىدە، دېھقانلار مەدەنىيەت تاملىرىغا رەسىم سىزىپ، يېزىغا چىرايلىق ھۆسن قوشتى. دېھقان رەسساملار ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، تۇرمۇشقا يېقىن بولغان سىزىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى، مەدەنىي يېڭى ئىستىل، ئەنەنىۋى گۈزەل ئەخلاق قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەدەنىيەت تېمىدا ئەكس ئەتتۈردى. كەنت ئاھالىسى ئارزىگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت تېمى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بىز مەيلى كەنتكە كىرىپ- چىقىشتا بولسۇن ۋە ياكى يولدىن ئۆتۈش جەريانىدا بولسۇن، ئىختىيارسىز ھالدا تامدىكى رەسىملەرگە نەزەر تاشلايمىز، يازمىلارنى نەچچە قېتىملاپ ئوقۇپ چىقىمىز. مەدەنىيەت تېمى بىزنىڭ مەدەنىي يېڭى تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىمىزغا بەك ماس كەلگەن.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى