قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشتا، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى

2019-01-05 20:44:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
 قالدۇق سۇلياۋ يوپۇق، تاشلاندۇق سۇلياۋ خالتىلار ئېتىز- ئېرىقلار ۋە شەھەر مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىدى. شىنجاڭ «كاڭرۇنجيې» مۇھىت ئاسراش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كوڭ لىمىڭ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇق ۋە ئوراش ماتېرىياللىرى ھازىرقى سۇلياۋ ياسالمىلىرىنى پارچىلىغىلى بولماسلىقتەك قىيىن مەسىلىنى يېڭىپ، «ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش» نى ئازايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان تەرىنى سىڭدۈردى.
كۇڭ لىمىڭنىڭ ئىشخانىسىدا، 10 كۈن ئىلگىرى سۇلياۋ خالتا بىلەن ئورالغان يېمەكلىك ۋە مېۋە- چېۋىلەر ئىككى رەت قىلىپ تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، بىر رەتتىكىلەرنىڭ كۆكىرىپ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەن، يەنە بىر رەتتىكىلەرنىڭ سۈپىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى. كوڭ لىمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كۆكىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگىنى ئادەتتىكى سۇلياۋ خالتا بىلەن ئورالغان، ئۆزگەرمىگىنى بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان ئوراش خالتىسى بىلەن ئورالغان. بۇ ئوراش خالتىسى يېمەكلىك ۋە مېۋە- چېۋىلەرنى يېڭى پېتىچە ساقلاپلا قالماي، يەنە پارچىلىنىپ، ئاق رەڭلىك بۇلغىنىشنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالىدۇ. بىز كۆممىقوناقتىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان كاربونلۇق ماتېرىيالدىن بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىيالنى ياساپ چىقتۇق. ئۇنىڭ فىزىكىلىق ئىقتىدارى سۇلياۋنىڭ تەلىپىگە يېتەلەيدۇ. بىز يەنە بىئولوگىيەلىك باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش تەركىبىنى ئۆسۈملۈك پەردىسىدە ئىشلىتىمىز. ئۇنىڭ باكتېرىيە چەكلەش ئۈنۈمى بار. ئۇ ئۆسۈملۈكلەردىن كېلىدۇ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىمۇ ياخشى، تۇپراقتا كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە سۇدا پارچىلىنىپ، تۇپراقنى بۇلغىمايدۇ.
كوڭ لىمىڭ 2007- يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگو دېڭىز- ئوكيان داشۆسىنىڭ بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيتتى. ئۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن دائىم شىنجاڭغا كېلىپ، كېۋەزلىكلەردە پەن- تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. شۇ چاغلاردا، كۇڭ لىمىڭ نۇرغۇن كېۋەزلىكتە قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ كۆپلىكىنى بايقىغان ئىدى. بۇ تۇپراق مۇھىتىنى بۇلغايتتى، يەنە پاختا مەھسۇلاتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇقنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئويىغا كەلگەنىدى.
2007- يىلى كوڭ لىمىڭ ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇق تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2008- يىلى بۇ شىركەتنى قۇرۇپ، بىئولوگىيىلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇق تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ياساپ چىققان بولساقمۇ، لېكىن ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىپ قوللىنىش جەريانىدا، پارچىلىنىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلە بولدى. ئەگەر كونترول قىلغىلى بولمىسا، ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن پارچىلىنىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا سۇلياۋ يوپۇقنىڭ ئىقتىدارى يوقىلىپ كېتىدۇ. بۇ قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلدۇق، جەمئىي ئالتە يىلدا پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇقنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ماتېماتىكىلىق نۇسخىسىنى بەرپا قىلدۇق.
كۇڭ لىمىڭ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇق 2015- يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى 30 نەچچە ناھىيە، شەھەردىكى 300 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزلىكتە بۇ خىل بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىلدى. كېۋەزلىكتە ئۇچۇپ يۈرگەن قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقلار يوقاپ، ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش زور دەرىجىدە ئازايدى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەمگەك كۈچى تېجەپ قېلىندى. كوڭ لىمىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىدىكىلەر بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ يوپۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساش ئاساسىدا، يەنە يېمەكلىكلەرنى ئورايدىغان پارچىلىنىدىغان ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى يۈزدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى سودا سارايدا ئومۇملاشتۇردى.
كوڭ لىمىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان ماتېرىياللارنى تونۇش دەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشقان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپنىڭ نىشانى بىئولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان ئوراش ماتېرىيالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يۈزلەندۈرۈپ، ئاق بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش. ئۇ بۇ نىشاننى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار باش سۈرىتىگە يېزىپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشتا، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى. بىزنىڭ بۇرچىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداپ، ئاق رەڭلىك بۇلغىنىشنى تېزگىنلەشتە باشلامچى بولۇش.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى