قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىش پەسىللىك ساياھەتچىلىكى داۋاملىق جانلاندى

2019-01-06 11:28:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىش پەسىللىك ساياھەتچىلىكى داۋاملىق جانلاندى. جايلار قار-مۇز ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
  يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا، قاناس11- نۆۋەتلىك قار- مۇز مەنزىرىسى ساياھەت بايرىمى «قار ماكانى» قۇمقاناستا باشلاندى. ئاتقا سۆرىتىلگەن چانا، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت نومۇرلىرى شۇنىڭدەك قار موتسىكلىتى، ئىسسىق ھاۋا شارى، قار ئېتىشىش قاتارلىق قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. خېبىيلىق ساياھەتچى تيەن لى مۇنداق دېدى: ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بۇ يەر ئىنتايىن گۈزەل، خۇددىي چۆچەكلەردىكى كىچىك بازارلارغىلا ئوخشايدىكەن. ھەقىقەتەن كېلىشكە ئەرزىيدىكەن.
شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ بىرى بولغان ئالتاي ۋىلايىتى «جۇڭگو قار شەھىرى» دىن ئىبارەت بۇ ماركىنى چۆرىدەپ، «قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، قار ئويناش، قار چېچىشىش، قار ئويۇنى ئويناش» نى باش تېما قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەڭ گۈزەل قار يېزىسى-- قۇمقاناس، ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش، ئالتايدا چاڭغا تېيىلىش، كۆكتوقايدىكى قارلىق تاغ جىلغىسىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قىشلىق ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش قېتىم سانىنى 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشۇردى. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ۋالىي ۋاڭ جۈنئەن مۇنداق دېدى: ئالتۇن ساياھەت لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قاناسنى مەركەز قىلغان ئومۇمىي دائىرىلىك قىشلىق ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك قار-مۇز ساياھەت مەنزىلى ۋە قار- مۇز تەنھەرىكىتى نىشانىنى بارلىققا كەلتۈردۇق.
  بۇ يىل قىشتا، ئاپتونوم رايونىمىز «2 + 1 + N» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە قىشلىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقاردى. بۇ يەردىكى «2» ئالتاي ۋە ئۈرۈمچى- سانجى رايونلىرىنى باشلامچى قىلىپ، قىشلىق ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، قىشلىق ساياھەت يادرولۇق ماركىسىنى يارىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى، قار- مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى يولغا قويدى. بۇ يەردىكى «1» جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاقسۇدا دالا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسى، مىللىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار يولغا قويۇلدى. بۇ يەردىكى «N» 14 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى ئېسىل لىنىيەلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېچىپ، قىشلىق ساياھەت ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلگىرى، قىش پەسلىدە ئارشاڭ ساياھەتچىلىكى سۇس مەزگىلگە قەدەم قوياتتى. بۇ يىل قىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارشاڭ ساياھەتچىلىكى ئىللىق قىشنى كۈتۈۋالدى. مايتاغ شەھىرى ئارشاڭ ساقلىقنى ساقلاش-ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قار-مۇز ساياھەتچىلىكى بىلەن ئارشاڭ بىرلەشتۈرۈلگەن يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. مايتاغدىكى ئالاشەن ئارشاڭ ساناتورىيەسىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شېڭيا مۇنداق دېدى: ساناتورىيەدىكى 100 ئېغىزغا يېقىن ئۆي ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى. قار- مۇز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئارشاڭغا بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى شۇنىڭدەك يېڭى يىل، چاغان كۈنلىرى كېلىپ قالسا، ئالدىن زاكاز قىلمىسا ياتاق قالمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۆمۈر يول ۋە ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرى تەڭ كۈچ چىقىرىپ، قىشلىق ساياھەتچىلىككە كۈچ قوشتى. غۇلجا، نارات، ئالتاي، چۆچەك، كۆكتوقاي قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودروملاردا قىش پەسلىدە قاتناش توختىتىلمايدىغان بولدى. 2018- يىلى 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۆمۈر يول تارماقلىرى تۇنجى قېتىم «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويدى. ئارشاڭ ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسى، قاناس ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ- شىمالىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسى قاتارلىق 4 لىنىيە-- ساياھەتچىلەرنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلدۇرۇپ، قىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇردى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرى، 78 نەپەر خېنەنلىك ساياھەتچى تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ناملىق ساياھەت ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ قۇمۇلغا كېلىپ، تۆت كېچە- كۈندۈز ساياھەت قىلدى. قۇمۇل شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن شۆبىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ناملىق ساياھەت ئايروپىلانى ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدۇ ھەمدە بۇ يىل 2- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار ساياھەت ئۆمەكلىرى ۋە ئائىلە ساياھەت ئۆمەكلىرى كېلىشى مۇمكىن. كېيىنكى قەدەمدە، خېنەندىكى تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى قۇمۇلدا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەيمىز.
ئەڭ يېڭى ستاتېستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا: 2018- يىلى 10-، 11- ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتىۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 16 مىليون 738 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2017- يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %49.85؛ ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى 35 مىليارد 863 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2017- يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %48.67 كە ئاشقان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلغان تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرى 300 تۈردىن ئاشقان. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بازارنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جې مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مەدەنىيەت، قار-مۇز، مال سېتىۋېلىش، ئۆرپ- ئادەت، تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭدا قار-مۇز ئالاھىدىلىكىنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقىنىڭ مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ. كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش، قىسمەن ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ياتاق باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى يەنىمۇ قىزىتىپ، «سۇس پەسىلدە سۇسلاشماسلىق» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.  

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى