قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

2019-01-07 11:35:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يەكەن ناھىيەسى پەكىچى يېزىسىنىڭ ئاچچىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى»، «10 دۇكان» قۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن ئاماننىسا تۇرسۇن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، يېقىندا ئۆزى ۋە يولدىشىنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن ناھايىتى خوشال ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى كەنتىمىزدە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ئەر- ئايال ئىككىمىز بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇق. ئايلىق ئىش ھەققىمىز 3 مىڭ 500 يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت.
ئاماننىسا تۇرسۇن ئائىلىسى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، يەر تېرىشتىن باشقا، يولدىشى ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. خىزمەت ئەترىتى ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاماننىسا تۇرسۇن ۋە يولدىشىنى كورلىغا كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر، ئىككىيلەننىڭ يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلدى.
ئاچچىق كەنتى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەسى ئاجىز، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بازا، نامرات دېھقان ئائىلىسى» ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىي 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاچچىق كەنتىدە «يەكەن ناھىيەسى تايۈەن چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى پاي قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر، 95 نامرات ئائىلە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن 170 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ پاي قوشتى، ھەر بىر پايچىك پايدا تەقسىماتىدىن بەھرىمان بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 80 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىم قىلىندى.
ئالتۇنگۈل ئەمەت كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە، شۇنداقلا كەپتەر بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا ھەمكارلىق كوپىراتىپى تارقاتقان پايدىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، «10 دۇكان» نىڭ بىرىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەنمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكى، ھەر يىلى ماڭا 500 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. مەن بۇ دۇكاننى ئېچىپ كىرىم قىلىۋاتىمەن. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، ھازىر تۇرمۇشۇم ناھايىتى ياخشى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي جۈن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شارائىتى بار دېھقانلارنى سىرتقا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، ئۇنى يەنە كەنتتىكىلەرگە يەتكۈزۈپ، كەنتتىكى باشقا ئاھالىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاساسىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكلەيمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى