قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ليۇ تاۋ ئەمەلىي ئىشلەش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

2019-01-07 11:54:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇ شەھىرىدىن كەلگەن يىگىت ليۇ تاۋ كىشىلىك تۇرمۇش ئارزۇسى ۋە غايىسىنى مۇھىت ئاسراش كەسپىگە باغلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ليۇ تاۋ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، ئۆي- زېمىن ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ــ ئەڭ زور بايلىق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر جۈملىدىن، ھازىرقى چوڭ كارخانىلار مۇھىت ئاسراشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش، تۈزەشكە ئىشەنچىسى بولغاچقا، مۇھىت ئاسراش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز كېرەك.
2016-يىلى، ليۇ تاۋ بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ئۆي- زىمىن كەسپىنى قويۇپ، ئايالى بىلەن بالىسىنى ئېلىپ ماناس ناھىيەسىگە كېلىپ مۇھىت ئاسراش كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. ئاساسلىقى كارخانىلارنى مۇھىت ئاسراش تۈزەش لايىھەسى ۋە سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش دورىسى بىلەن تەمىنلىدى. ليۇ تاۋ يۇرتى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ، باشقا يۇرتتا ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مەزگىلدە بازار سۈرۈشتۈرگەندە ھەتتا بەزى ئورۇنلارنىڭ ئىشىكىدىنمۇ كىرەلمەي قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىم بولدى.     ليۇ تاۋ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ خېرىدارلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇ بېيجىڭدىكى مۇھىت ئاسراش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن تەلىم ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ دورا مەھسۇلاتى ئەۋرىشكىسىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، نەق مەيداندا دورا تەڭشەپ، كۆپ قېتىم سىناپ، ئاخىرى تۇنجى خېرىدارنى كۈتۈۋالدى. ئەمما، ليۇ تاۋ كارخانىلاردىن چىققان كېرەكسىز سۈلارنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇرەككەپلىكىنى بىلمىگەچكە، ئوخشاش مەھسۇلاتنى ئېلىپ2- كارخانىغا بېرىپ پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولغاندا، قويۇپ بېرىلگەن سۇ ئۆلچەمگە يەتمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا بىز بىراقلا تۆت، بەش توننىغا يېقىن مالنى سېلىۋەتكەن ئىدۇق. نەق مەيداندا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۇ يەردە تېخنىكا جەھەتتە بەزى تەڭشەش ئېلىپ باردىم، تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ئۈنۈمى يەنىلا ئادەتتىكىچە بولدى.
ئەگەر مەسىلە ھەل بولمىسا، 4، 5 توننا تەييار دورا بىر تەرەپ قىلىنمايلا قالماي، ليۇ تاۋنىڭ ئىناۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايتتى. ليۇ تاۋ تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشماي زىياننى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ۋاقتىنچە بىر قىسىم ئەۋرىشكىلەرنى ئېلىپ، بېيجىڭغا بېرىپ خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. بېيجىڭدا ۋاقتىنچە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردۇق ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە ئازراق ئەۋرىشكىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىپ، نەق مەيداندا ئۇلارنى سىناپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلار مەھسۇلاتىمىزدىن رازى بولدى ھەم مەسىلىمۇ ھەل بولدى.
بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ليۇ تاۋ شىنجاڭغا كەلگەن ئىككى يىلدا شىركەتنىڭ پايدىسىنى 8 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن بەختنىڭ ھەقىقەتەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن ھازىر دەسلەپكى تىرىشچانلىقىمنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى بولغانلىقىنى بايقىدىم. مەن دەسلەپكى قەدەمدە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىمنى، غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى