قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياڭ جۈچىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى ياخشىلاش ۋە كۆپەيتىش خىزمىتىگە كۈچ چىقاردى

2019-01-08 11:14:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىلى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ھايۋانات ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ جۈچىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى ياخشىلاش ۋە كۆپەيتىش خىزمىتىگە كۈچ چىقاردى.
شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنى تۇنجى قېتىم بىلگەندە، ياڭ جۈچىڭ ئاران 16 ياشتا ئىدى. ئەينى چاغدا، ئۇ ئىلى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، دەرسخانىدا مۇئەللىمدىن ئېلىمىزدىكى داڭلىق ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى يېتىشتۈرۈش ئالىمى ياڭ ئېرجىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرۈش ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پىشقەدەم چارۋىچىلارغا ئوخشاش ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرۈشكە، دۆلەت ئۈچۈن نۇرغۇن قوي يۇڭى ئىشلەپ بېرىشكە بەل باغلىغانىدىم.
1982- يىلى 4- ئايدا، ياڭ جۈچىڭ ۋە باشقا بىر نەچچە ساۋاقداش كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىغا بېرىپ ئۈچ ئايلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش پىراكتىكىسى قىلىشقا ئەۋەتىلدى. ياڭ جۈچىڭ بۇ يەردە ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياڭ ئېرجى ئەپەندى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى كۆردى ھەمدە چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىش روھىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىدا قېلىپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى ياخشىلاش ۋە كۆپەيتىش خىزمىتى ئۈچۈن تىرىشىشقا بەل باغلىدى. لېكىن، پىراكتىكا مەزگىلىدىكى كۈتۈلمىگەن كېسەللىك ئەھۋالى ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. ياڭ جۈچىڭ مۇنداق دېدى: بىر يېرىم يىلدىن كېيىن سالامەتلىكىم ئەسلىگە كەلدى، مەن يەنە قوي فېرمىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئويلاپ، ۋېلىسىپىت مىنىپ، 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، فېرمىغا باردىم. ياڭ مۇدىر سالامەتلىك ئەھۋالىمنى يەنە تىلغا ئالدى ھەمدە مەندىن باشقا سۇئاللارنىمۇ سورىدى. ئۇ يەنە مېنىڭ ھەقىقىي تۈردە ۋەتەننىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان ئادەم بولۇشۇمنى ئېيتتى.
ياڭ جۈچىڭ بىر يىل 365 كۈننى دالىدا ئۆتكۈزدى، چارۋا ماللار بىلەن ھەپىلىشىپ جاپانىمۇ تارتتى. ئەمما، ياڭ جۈچىڭ بۇنىڭدىن خۇشال ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خىزمەت پۇرسىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكى، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر بىلەتتىم. بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن.
خۇياڭ قويى ئېلىمىزدىكى يەرلىك قوي نەسلى بولۇپ، كۆپ تۆللەش-- ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھىسابلىناتتى. ئەينى چاغدا، كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى يېتىشتۈرگەن شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى ۋە جۇڭگو مېرىنوس قويى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچى جەھەتتە دۆلەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما توپ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى. 1988- يىلىدىن باشلاپ كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى بىلەن شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنى ھەمكارلىشىپ، خۇياڭ قويىنىڭ كۆپ تۆللەش گېنىنى كىرگۈزۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاخىر جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ شىنجاڭ تىپىنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ياڭ جۈچىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شالغۇتلاشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتى %120 ئەتراپىدا بولۇپ، بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىزنى قوللىنىش ئارقىلىق، بۇ نىسبەت %180 كە يەتتى. شۇڭا، بىز يېتىشتۈرگەن جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان تۈرىنىڭ تۆللەش نىسبىتى بۇ يەككە تۈردىكى كۆرسەتكۈچ بويىچە خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.
كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىدا، ياڭ جۈچىڭ ئادەتتىكى تېخنىكتىن تەدرىجىي ھالدا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي تەتقىقات مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى. ئۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان «جۇڭگو مېرىنوس قويى (شىنجاڭ تىپى)-- ئىنچىكە يۇڭ تىپىدىكى يېتىشتۈرۈش ۋە يۇڭ مەھسۇلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق تۈرلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە ساھە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
  ياڭ جۈچىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە 30 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 2011- يىلى 10- ئايدا، ئىلى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئانا مەكتىپىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىغا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن. ھازىر، تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسئۇلىيىتىم بار. مەن ئاساسىي قاتلامدىكى پەن- تېخنىكا خىزمەتچىسىدىن كەسپىي مائارىپ خىزمەتچىسىگە ئايلاندىم. بۇ ئىككى جەھەتتىكى ئارزۇنى بىرلەشتۈرسەم-- مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم بولىدۇ. مەن ياش چارۋىچىلىق كەسپىي خىزمەتچىلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قولىمىزدىكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چارۋىچىلىق سەۋىيەسىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمەن.
  تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى