قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2019-01-09 16:53:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى


1- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. 

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە 2018- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم ئۇزاق مۇددەت تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈم ۋە يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن چوڭقۇر شەرھلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ 2019- يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەندى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018- يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلدى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلدى، سۈپەت- ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئاكتىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى. ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنىڭ تەلىپى قىلىپ، جايلار، تارماقلار ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت تەدبىرلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ- خەتىرى يۈز بەرمەسلىك، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، 2020- يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى، تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  ئىككىنچى، «ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، «بىر پورت»، «ئىككى رايون»، «بەش چوڭ مەركەز»، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە مۇھىم، زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى يۇقىرى زىچلىقتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك؛ زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە ئەۋزەللىك قوشۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك؛ ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ كەسىپلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، «چىقىرىش» بىلەن «كىرگۈزۈش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  بەشىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات چارىسى، بازارلاشقان مەشغۇلات شەكلىدىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، شەھەر- بازار قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە سېلىشقا قوزغىتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتلىك چەكلىمىنى تېزدىن بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

  ئالتىنچى، مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قانۇن بويىچە باج ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خامچوت نەتىجە- ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى قوللاش كېرەك.

  يەتتىنچى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېقىن، ساپ ھۆكۈمەت- سودىگەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىلھام بېرىدىغان ۋە ئۇنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىق ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى ئەمىن تاپقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  توققۇزىنچى، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئونىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇقىم، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. تېخىمۇ سالماق بولۇش، ئېھتىياتچان بولۇش، ئەتراپلىق بولۇش، ئىنچىكە بولۇشنى مۇھىم پىرىنسىپ قىلىپ، يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار تۇرۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان تەدبىرلەرنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي تۈردە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. «ئىككى يۈرۈش بەنزە» ئىلمىي مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چوڭ ئىشلارنى باشقۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى كېڭىشىپ، قەرەللىك ھالدا ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، مۇھىم، زور ئىقتىسادىي ئىشلارنى قارار قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى كېرەك؛ بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، زېھنىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەرلىرى» دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل قىش، ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى چۆرىدەپ، ئامما دائىم غەم قىلىدىغان بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى ئائىلىلىرى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى گەۋدىلىك ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. بازار تەمىناتىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، مۇھىم تاۋارلار، بولۇپمۇ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتى ۋە باھاسىنىڭ ئاساسەن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك، دورا، سەھىيە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى نۇقتىلىق زورايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى