قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۈگۈنكى كۈندە بىز قانداق پەرزەنت بولىشىمىز كېرەك؟

2019-01-09 19:57:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، 90- يىللاردا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئاتا- ئانىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش ئىشلىرىدىن ئەنسىرمىسە بولمايدىغان 70-، 80- يىللاردا تۇغۇلغانلارنى دىمەيلا قويايلى.
90- يىللاردا تۇغۇلغانلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭلار 29 ياشقا كىردى، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ 50 ياشتىن ئاشتى ياكى 60 نەچچە ياشقا كىرىپ قالدى. ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئۈچ ئەۋلاد»، «تۆت ئەۋلاد» بىرگە ياشايدىغان ئائىلە قۇرۇلمىسىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.
بۇمۇ «ئاجايىپ سۆزلەر» پىروگراممىسىدا ئاتا- ئانىسىنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئاپىرىش- ئاپارماسلىق توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، نەق مەيداندىكى كىشىلەر ۋە  ئېكران ئالدىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئېلىشىنىڭ سەۋەبى. چۈنكى، بۇ مەسىلىدە، يۈرەككە تىگىدىغان نۇقتا ھەقىقەتەن بەك كۆپ.
خۇاڭ جىجۇڭ: «بىز ئاتا- ئانىلىرىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر ئەمەس، ئاتا- ئانىلىرىمىزمۇ پەرزەنتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى راست گەپ قىلمايدۇ، تەكەللۇپ قىلىدۇ، ئاتا- ئانىلىرىمىزغىمۇ تەكەللۇپ قىلىمىز» دەيدۇ. ما ۋېيۋېي: «مەن بالىلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، ئەڭ ياخشى پەرزەنت بولۇشقا تىرىشاتتىم. ئۆزۈم ئانا بولغاندا، ئۆزۈمدىن ئەڭ ياخشى ئاتا- ئانا بولۇشنى تەلەپ قىلدىم. شۇڭا، مەن ھەرگىز ئاتا- ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمىدىم» دەيدۇ.
جاڭ چۈەنلىڭ مۇنداق بىر سانلىق مەلۇماتنى بايان قىلدى: 2030- يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزدە %90 ياشانغان كىشى ئىگە چاقىسىز بولۇپ قالىدىكەن. شۇ چاغدا، 200 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان كىشى تەنھا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. بۇنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئەگەر سىز پەرزەنت بولسىڭىز، ئاتا- ئانىڭىزنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئىختىيارسىز ھالدا: «مەن بىر لاياقەتلىك پەرزەنتمۇ؟» دەپ ئويلاپ قالسىز.
پەرزەنتلەرنىڭ مەسىلىسى، ئەمەلىيەتتە ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسىلىسى. «قىزلارغا سۆز» ناملىق كىتاپتا ۋاڭ شو: ئاتا- ئانامنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە يوق. كىچىك چاغلىرىمدا ئۇلاردىن قورقاتتىم، چوڭراق بولغاندا ئۇلارنى بىزار قىلدىم، كېيىن دائىم ئۇلار بىلەن جىدەللىشىپ تۇردۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈردۈم. بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بۇرچۇم بار، ئۇلارغا ياخشى مۇئالمىلە قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم، لېكىن قىلالمىدىم، ھەتتا يالغاندىن كۆيۈنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشنىمۇ قاملاشتۇرالمىدىم. كېيىن ئۇلارنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغان بولدى» دەپ يازغان.
مانا بۇ ۋاڭ شونىڭ دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا بولغان قارىشى ۋە ھېسسىياتى. ۋاڭ شونىڭ دادىسىغا بولغان مېھرى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس، ئۇ ئاكىسى بىلەن بىر يېرىم ياشتىن باشلاپ، تاكى 10 ياشقا كىرگۈچە، دارىلتامدا تۇرۇپ، ئىككى ھەپتە ياكى بىر ئايدا بىر قېتىم ئۆيگە قايتقان. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ، ۋاڭ شو يەنىلا ئاكىسى بىلەن بىللە تۇرغان. بوينىغا ئاچقۇچ ئېسىپ ئاشخانىدا تاماق يېگەن، كۈن بويى ئاتا- ئانىسىنى كۆرمىگەن. ئۇنىڭ دادىسىمۇ دادا مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمىگەن، بەزىدە دادا مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگىنى، ئىشتىن چۈشۈپ كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، دارىلتامغا بېرىپ، دېرىزە سىرتىدا تۇرۇپ، بالىلىرىنى كۆرۈپ كېلىش بولغان. بىر قېتىم ئۇ دارىلتامدىكى ئايالنىڭ ۋاڭشوغا تاماق بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئېتىلىپ كىرىپ، چوڭ جىدەل چىقارغان.
ۋاڭ شونىڭ ئانىسىغا بولغان ھېسسىياتى تېخىمۇ مۇرەككەپ. ئۇ «قىزلارغا سۆز» ناملىق كىتاپتا ئانىسى بىلەن بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى يازغان، ئانىسىدىن: «سىز ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باققانمۇ؟ مەن باشقىلارنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا، سىز قەيەردە ئىدىڭىز؟» دېگەندە، ئانىسى سوغۇق قانلىق بىلەن: «سىز دارىلتامدا تۇرسىڭىز» دېگەن. ۋاڭ شو كۆڭلى يېرىم بولۇپ: «ئەگەر ئاتا- ئانا بىلەن مۇئەللىم ئوخشاش بولسا، ئۇنداقتا ئاتا- ئانىنى نېمە قىلىدۇ؟» دېگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانىسىغا ئىشىنىش- ئىشەنمەسلىكىنى بىلمىگەن. ئۇ مۇھەببەتنى تىلغا ئالمىغان، چۈنكى ئۇ ئانىسىنىڭ چۈشىنىش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىش ئىدى. «ئۇ پەقەت توغرا- خاتانى تونۇيتتى، ئانىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، بىر بالىنى توغرا يولدا تەربىيلەپ چىقىش ئۇنىڭ مۇھەببىتى» ئىدى.
 2007- يىلى، ۋاڭ شو 79 ياشقا كىرگەن ئانىسى بىلەن «پىسخىكا سۆھبىتى» پىروگراممىسىغا قاتناشتى. ئۇ پروگراممىدا ئانىسىدىن يەنە بىر قېتىم: «ئانا، مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ سورىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئانىسى: «سىزنى ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن» دېدى. ۋاڭ شو: «ئەگەر مەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، باسقۇنچىلىق قىلغان، ئەكسىلىنقىلاپچى بولغان بولسام، مېنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمتىڭىز؟» دەپ سورىدى. ئانىسى بىردىنلا جىمىپ قالدى. پىروگراممىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمان لى زىشۈن ۋاڭ شونىڭ ئانىسىغا: «ئۇ سىزدىن ئوغلىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىز مىننەتسىزمۇ؟ دەپ سورىماقچى» دېدى. ئاتا- ئانىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىسا، ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ۋەھىمىسىنى بالىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتىمۇ بۇزۇلىدۇ، ئەمما كۆپچىلىك يەنىلا شۇنداق قىلماقتا. كېيىن ۋاڭ شو قىزى تۇغۇلۇپ ئۆزى دادا بولغاندىن كېيىن، ئاتا- ئانىسىغا ئوخشاش مۇئالمىلە قىلىشنى خالىماي، قىزىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنگەن. ئۇ قىزىغا: «كىچىك ۋاقتىڭىزدا نېمە ئۈچۈن سېزنى قۇچاقلاشنى، سۆيۈشنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسىز؟ مەن سىزنىڭ تېرە ئاچلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيتتىم، چۈنكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم چوڭ بولغاندىن كېيىن، باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە خىجىلچان بولۇپ قېلىپ، باشقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن قورقىدۇ» دىگەن.
  رەھىمسىز ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتى.
خۇددى جياڭ فاڭجوۋ ئېيتقاندەك، «كۆپ قىسىم ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن رەھىمسىز». 50- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ مەسىلىسى مۇھەببەت كەم بولۇش، ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇئامىلىسى سوغۇق ياكى تارتىنچاق بولۇپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ماھىر ئەمەس؛ 70-، 80- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ مەسىلىسى بولسا، ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش بولۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ مېھىر- مۇھەببىتى ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
 يازغۇچى لۈ ياۋنىڭ «قىز نېجا» ناملىق ھىكايىسىدا «ئاتا- ئانىسى يوق، يېتىم بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ھېچكىمگە كۆڭۈل قەرزى بولۇشنى خالىمايدىغان» بىر قىزنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن. قىزچاق ۋاڭ شياۋبىڭنىڭ تۇل ئانىسى بولۇپ، قارىماققا تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئانىلاردەك مەدەنىيەتلىك، ئەزەلدىن ۋارقىراپ- جارقىراپ يۈرمەيدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئانا، ئەمما ۋاڭ شىياۋبىڭ ئانىسىنىڭ بىردىن بىر تۇرمۇش نىشانى بولۇپ قېلىشنى خالىمىغان. ئانىسى ئۇنى مەڭگۈ كۆزىتىپ تۇرغان، ھەر ۋاقىت نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگۈسى كەلگەن، ھەتتا يۇيۇنغاندىمۇ، ئۇنى ئۇۋىلاپ قويماقچى بولغان.
ۋاڭ شياۋبىڭ كېيىن تېببى مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغان، ئانىسى ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بېرىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلىگەن. ۋاڭ شىياۋبىڭ ئوغرىلىقچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تىببىي داشۆگە ئۆتۈپ، ئانىسىنىڭ يولىدا ماڭمىغان. ئۇنىڭ ئانىسى ئاچچىقىدا ئۇنى نەزەربەند قىلىپ، ئۈچ تاغىسىنى چاقىرىپ، ئۇنى كۈرەشكە تارتقان. ئانىسى قىزىنىڭ نېمىشقا چوقۇم ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇنداق رەھىمسىز، رەقىبىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن. كېيىن ۋاڭ شىياۋبىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن. ئانىسى: «ئۇ نېجاغا ئوخشايدۇ، ئۆزىنى ئۆزى قايتىدىن ئاپىرىدە قىلغان» دىگەن.
ھېكايىنىڭ خاتىمىسىدە، ۋاڭ شياۋبىڭنىڭ دوستى، لى شياۋلۇ يۇرتىغا قايتقاندا، ۋاڭ شياۋبىڭنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ۋاڭ شياۋبىڭنىڭ ئانىسى قىزى ئۈچۈن تەييارلىغان قىز مېلىنى كۆرسىتىپ: «قاراڭ، ھازىر بۇنداق قىزىل رەڭلىك رەختنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ تويىغا ئىشلىتىدىغان يوتقان تېشى. مەن ھەتتا نەۋرەمنىڭ بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە كىيىدىغان كىيىم- كېچەك، شالداما، پاختىلىق چاپان، ئاياغ قاتارلىقلارنى تىكىپ بولدۇم. ئوغۇل ھەم قىز بالا ئۈچۈن بىر قۇردىن تەييارلىدىم. ئۇ بالا تۇغسىلا، ھەممىسى تەييار، ئۇ ھىچنىمدىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دىگەن. بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ كېتەر.
نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارغا ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمىز، نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق دىمەيمىز؟ خۇددى خۇاڭ جىجوڭ پىروگراممىدا ئېيتقاندەك، شەرقلىقلەرنىڭ ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتىدە، ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. قېرىنداشلىق مېھرىنى تىلغا ئالغاندا، مەيلى ئاتا- ئانا ياكى پەرزەنتلەر بولسۇن، ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسى ئەيمىنىدۇ، ھەممىسى قارشى تەرەپ «مېنى ئويلىشىى كېرەك» دەپ قارايدۇ. ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆڭلى سەمىمىي بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىدە چىن كۆڭلىدىن مەڭگۈ بىرگە بولالمايدۇ.
يېڭى دەۋردىكى «بالىلارنى بېقىپ چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش».
پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى: «جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنتلىرى ۋاپادارلىق ۋە دەرىجە تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان بىر خىل مۇناسىۋەت ئەندىزىسىگە كۆنۈپ قالغان، لېكىن بۇ خىل ئەندىزە ھازىرقى مۇھىتقا ماس كەلمەيدۇ. ياش ئەۋلادلار ھازىرقى زامان جەمىيىتىگە تېخىمۇ ماسلىشىشى، ئاتا- ئانىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ.
يازغۇچى ياڭ جاۋ: «بالىلارنى بېقىش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشنى -- ياشلار كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاتا- ئانىسىنى قوغداش، ئۇلارنى ۋاقىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىق، ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىشى ياكى يوقىتىپ قويۇشىدىن ساقلاش» دەپ چۈشەنگەن. مانا بۇ «بالىسىنى بېقىش، ئاتا- ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش». ئىلگىرى، ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ قولىنى يېتىلەپ، ئۇلارغا يول مېڭىشنى، ئادەم بولۇشنى ئۆگىتەتتى؛ ھازىر، ئاتا- ئانىلار قېرىپ، ئاجىزلاپ كەتتى، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئۆزگىرىشكە قارىتا تەمتىرەپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. (بۇ ھال ئۇلارنىڭ جاھىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى)، بۇ چاغدا بالىلارنىڭ ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج بولىدۇ.
مەسىلەن: ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ توي قىلىش، بالىلىق بولۇشقا ئالدىرىتىشى، دوستلار چەمبىرىكىدىن كەلگەن بېسىمنى ھېس قىلغانلىقىدىن بولغان. پەرزەنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، «بۇنىڭ ئەنسىرىگۈدەك نېمىسى بار» دەپ ئويلايمىز. ئەمما ئاتا- ئانىلارنى بىر ئۆمۈر ئارىلاشقان دوستلار چەمبىرىكىدىن ۋاز كەچكۈزۈش، رىياللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. يالغۇزلۇقنىڭ تەمىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئاتا- ئانىلارنىڭ يېڭى دوستلار چەمبىرىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش لازىم. پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان، بىر نىيەتتىكى كىشىلەرنى تېپىپ بەرسە بولىدۇ.  يەنە مەسىلەن: ئاتا- ئانىلار مەيدان ئۇسسۇلىغا مەپتۇن بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ئۆز قىممىتى ۋە تۇرمۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسى، ئۇلار مەيدان ئۇسسۇلىدىن ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېپىشى كېرەك. ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى ۋە ئۇسۇلىنى تىپىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.  ياشانغانلارنى سىمفونىيە ئۆمىكىگە قاتناشتۇرساقمۇ بولىدىغۇ؟ 2016- يىلى قويۇلغان «ياشانغانلار سىمفونىيە ئۆمىكى» ناملىق ياپونىيە ھېكايە فېلىمىدە، ئەڭ دەسلەپتە ئاددى مۇزىكىلارنىمۇ ئورۇنلاشنى بىلمەيدىغان ياشانغان كىشىلەرنىڭ بىر ئۇلۇغ ئارزۇسى بار، يەنى ئۇلار مۇزىكا زالىغا بېرىپ، بىر مۇزىكىنى باشتىن- ئاخىر بىر قېتىم تولۇق ئورۇنلاشنى ئارزۇ قىلغان. ئاممىنى تەسىرلەندۈرگىنى دەل ئۇلارنىڭ ياشانغانلىقىغا تەن بەرمەيدىغان روھى. پەرزەنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۇقىرىقىلار بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز. ھەر بىر ئادەمنىڭ كېيىن ئەپسۇسلانغان ھالدا: «پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن تولىمۇ خىجىلمەن» دېمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى