قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماخوگانى دەرىخى

2019-01-09 19:59:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېزىدىكى ئۆيىمىزنىڭ يېنىدا، بىر پارچە قۇرۇق يەر بولۇپ، ئىجارىگە ئالغۇچىلار ماخوگانى كۆچىتى تىككەن ئىدى.
ماخوگانى دەرىخى ئالاھىدە بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئېگىز ھەم تۈز بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق ئۆسىدۇ.
ئىلگىرى يۇرتىمىزنىڭ ئورمانچىلىق مەيدانىغىمۇ بۇ خىل دەرەخنىڭ كۆچىتى خېلى جىق تىكىلگەن، ھازىر ئۇلار 10 مېتىر ئەتراپىدىكى ھەيۋەتلىك دەرەخلەرگە ئايلىنىپتۇ. ئىلگىرى مەن كۆرگەن ماخوگانى كۆچىتى تىزىمغىلا كەلگەچكە، ئۇنىڭ  ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. 
ماخوگانى كۆچىتىنى تىككەن كىشىنىڭ بويىمۇ ناھايىتى ئىگىز بولغاچقا، ئۇ خۇددى مايسا تېرىۋاتقاندەكلا كۆرىنەتتى.
ماخوگانى كۆچىتىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ پات- پات كېلىپ سۇغىرىپ تۇراتتى. بىراق، قىزىق يېرى شۇكى، ئۇ بەزىدە ئۈچ كۈندە، بەزىدە بەش كۈندە، ھەتتا بەزىدە ئون نەچچە كۈندە ئاران بىر كېلەلەيتتى. تېخى بەزىدە جىق سۇغىراتتى، بەزىدە ئازراق سۇغىراتتى.
 مەن يېزىدا تۇرىۋاتقان چاغلىرىمدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك ماخوگانى كۆچىتىنىڭ يېنىدىكى يولدا سەيلە قىلاتتىم. كۆچەت تىككۈچى ئانچە- مۇنچە كەلگىنىدە بىزنىڭ ئۆيگە چاي ئىچكىلى كىرەتتى. ئۇنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى.  بەزىدە ئەتتىگەندە، بەزىدە چۈشتىن كېيىن كېلەتتى.
ھەيران قالارلىق يېرى، ماخوگانى كۆچەتلىرىنىڭ بەزىلىرى سەۋەبسىزلا قۇرۇپ كېتەتتى. شۇڭا، ئۇ كېلەشىدە بىر نەچچە تۈپ كۆچەتنى ئالغاچ كېلەتتى- دە، تولۇقلاپ تىكىپ قوياتتى.
مەن باشتا ئۇنى بەكمۇ ھورۇن ئوخشايدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا سۇغۇرمايدىكەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق، ھورۇن كىشى قانداقمۇ قۇرۇپ قالغان كۆچەتلەرنى تولۇقلاپ تىكىشنى ئويلىسۇن؟
كېيىنچە مەن ئۇنى بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا كېلەلمەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم. ئەمما، ئالدىراش كىشى قانداقمۇ خالىغانچە ئىش قىلالىسۇن؟
مەن ئاخىر ئۇنىڭدىن: «زادى قانداق ۋاقىتتا كېلىسىز، ۋاقتى- ۋاقتىدا سۇغۇرمىسىڭىز، ماخوگانى كۆچىتى قۇرۇپ قالمامدۇ؟ ئەگەر كۈندە كېلىپ سۇغۇرۇپ تۇرغان بولسىڭىز، قۇرۇپ قالمايتتى» دېدىم.
كۆچەت تىككۈچى كۈلۈپ كېتىپ:
- كۆچەت تىكىش كۆكتات تېرىش ياكى شال تېرىشقا ئوخشىمايدۇ. كۆچەتنىڭ يېتىلىشىگە يۈز يىللىق ئاساس كېرەك. ئۇ چىڭسەيگە ئوخشاش نەچچە ھەپتىدىلا ھوسۇل بەرمەيدۇ. شۇڭا، كۆچەتلەر تۇپراقتىكى سۇ مەنبەسىنى تېپىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. مېنىڭ سۇغۇرۇشۇم ئۇنىڭغا بەرگەن يامغۇرغا ئوخشايدۇ. يامغۇر يېغىشنىڭ قەرەلى يوق. نەچچە كۈندە بىر ياغىدۇ؟ ئەتىگەندىمۇ، چۈشتىن كېيىنمۇ، قانچىلىك ياغىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز. ئەگەر كۆچەت بۇ خىل قەرەلسىز سۇغا قاراشلىق بولۇپ قالسا، ئېنىقلا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، سۇغۇرۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ مۇستەھكەم يىلتىزى بىلەن تىرىشىپ- تىرمىشىپ سۇ مەنبەسىنى تاپالىغان، ھەر قانداق يەردە يىلتىز تارتالىغان دەرەخلا كۆكلەپ ياشنىيالايدۇ،- دېدى.
ئۇ يەنە مەنىلىك قىلىپ: ئەگەر مەن بەلگىلىك مىقداردىكى سۇنى ھەر كۈنى قۇيۇپ بەرگەن بولسام، كۆچەت بۇنىڭغا تايىنىۋالغان بولاتتى. يىلتىزىمۇ تۇپراققا چوڭقۇرلاپ كىرەلمەيتتى. ناۋادا سۇغۇرۇشنى توختىتىپ قويسام، نۇرغۇن كۆچەتلەر قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. قۇرۇپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بوران- چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى،- دېدى.
كۆچەت تىككۈچىنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. دەرەخلا ئەمەس، ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاشكەن. قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىمۇ مول بولىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار مۇستەقىل، ئۆز- ئۆزىگە خۇجا بولۇپ ياشىيالايدىكەن.
قىيىنچىلىق ئىچىدە، ناھايىتى ئاز بولغان ئوزۇق بىلەن غايەت زور ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇپ، ۋايىغا يەتكىلى بولىدىكەن.
ھازىر، دېرىزە ئالدىدىكى ماخوگانى دەرىخى ئۆگزە بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە ناھايىتى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. كۆچەت تىككۈچى كەلمىسىمۇ، ماخوگانى دەرىخى ھەرگىز قۇرۇپ قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى