قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاقىتقا نەزەر سېلىش

2019-01-09 20:02:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جيا مېڭۋېي


«ۋاقىت بېسىمى» دېگەن كىتاپتىكى ماقالىلەر، ۋەزنى بار، قىزىقارلىق ماقالىلەر بولۇپ، نەزەر دائىرىسى كەڭ، يىلتىزى چوڭقۇر، مەردانە يېزىلغان. ئاپتور نەق مەيداندا بولسا، قەدىمكىلەر نەق مەيداندا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر نەسىرلىرىنىڭ ئەزەلدىنلا مەزمۇنى كەڭ، ئەركىن ـ ئازادە، ئاددىي- ساددا.
شيا لىجۈننىڭ «ۋاقىت بېسىمى» ناملىق تارىخىي شەخسلەر يۈرۈشلۈك نەسىرلىرى ماڭا، كۈچلۈك ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان تەسىرات ئاتا قىلغان. ئۇ ناھايىتى پاكىز بولۇپ، ئىچ- باغرىنى كۆرگىلى بولاتتى. بەزىدە يەنە «سۇ كېتىپ تاش قالغان» دەك تۇيغۇ بېرەتتى. ھېسسىياتى ئىنچىكە، راۋان بولۇپ، بەزىدە، ئادەمنى ھۇشيار قىلىپ، ئويلاندۇراتتى.
شيا لىجۈن «ۋاقىتنىڭ بېسىمى» ناملىق ئەسەر ئۈچۈن نەچچە ئون يىل تەييارلىق قىلغان. ئۇ 50 ياشقا كىرگەندىن كېيىن يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «ۋاقىتنىڭ بېسىمى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇنداق كىتابنى يازغاندا، قەلەم قۇۋۋىتى خېلى كۈچلۈك بولمىسا بولمايدۇ. بۇنداق يازغۇچىنى ئالىم تىپىدىكى يازغۇچى دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، شيا لىجۈن ئەدەبىي ئىپادىلەشكە ئىنتىلەتتى. ئۇ ۋاقىتنى قەغەز دۆۋىسىگە سەرپ قىلدى. بۇ يىللاردا، كىم يەنە كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىتاب يازىدۇ. «قانچە كېچىكىپ يازغۇچى بولسا، شۇنچە ياخشى» دېگەن بۇ سۆزنى شيا لىجۈنگە ئىشلەتسەك تازا مۇۋاپىق بولىدۇ. «ۋاقىت بېسىمى» دېگەنگە ئوخشاش كىتابنى ياش ۋاقتىدا يازغىلى بولمايتتى. ئۇ ھەقىقەتەن يازغۇچىنىڭ مەلۇم يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلاتتى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن قەدىمكى كىشىلەر بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە تۇرۇپ، پىكىرلەشكىلى بولىدۇ، ھەتتا قەدىمكىلەرنىڭ قەدىناس دوستى بولالايدۇ.
بۇ كىتابتا چوڭراق ئىككى ئۆلچەم بار: ۋاقىت ۋە ئىنسان تەبىئىتى. ۋاقىتنىڭ ئېغىرلىقى بولمىسىمۇ، بېسىمى بار، ئۇ سوغۇققان، ئەمما ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئۇ مەڭگۈ ۋەيران قىلىش ۋە دۇنياغا كېلىش ئويۇنىنى ئوينايدۇ. قەدىمكىلەر بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدا. ئۇلار ئەمدى ئۆزلىرىنى يوشۇرۇپ، كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ يۈرمەيدۇ. لېكىن، بىز دائىم ئۇلارنى كۆرمەسكە سالىمىز ياكى ئۇلارغا تىكىلىپ قارىيالمايمىز. ھەممە ئادەم تارىخنىڭ قار- بورانلىرىغا بەرداشلىق بېرىدۇ. تارىخنى كۆزىتىش، قەدىمكىلەرنى ئەسلەش، ۋاقىتنى ئۆلچەيدىغان ئەينەكنى سۈرتۈپ تۇرۇش، يەنىلا ئۆزىنى ھەقىقى تونۇش ئۈچۈندۇر.
شيا لىجۈن «ۋاقىت بۆلىكى» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، سىز ۋاقىتتا بېسىم بولۇپلا قالماي، يەنە چوڭقۇر نەپەس ئالالايدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلىسىز. ۋاقىت شۇنداق مەرد ھەم رەھىمسىز، ئۇ ھەر بىر ئادەمنى قۇرۇق گەپ ساتىدىغان «ئاق چاچلىق ئوردا قىزى» غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر سىزدە قەدىمكىلەرنى گۈزەللىك ئوبيېكتى قىلىش ئىقتىدارى بولسا، ئۇ ھالدا ئۆزىڭىزنى شۇ ۋاقىت بۆلىكىگە قويۇشىڭىز كېرەك. «ۋاقىت بېسىمى» بىزگە جانلىق نەق مەيدان تەسىرى ئاتا قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭدىن قەدىمكىلەرنىڭ جانلىق ئوبرارزىنى «كۆردۈم»، ئۆزۈممۇ تارىخىي مەيداندا قەدىمكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ- تىرمىشىپ يۈردۈم.
ئاپتور قەدىمكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، «ھېسداشلىق قىلىپ چۈشىنىش» نى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ يەنە بىر ئۆلچەمگە، يەنى ئىنسان تەبىئىتىگە چېتىلىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، ئىنسانلار ھايۋاناتلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەدرىجى تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى نەقەدەر زور. ئەمما، يېقىنقى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى بۇ «ۋاقىت بۆلىكى» نى كۆزدىن كەچۈرگەندە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ: ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۆزگىرىشى نېمىشقا ئاستا؟ تېخىمۇ كىچىك ۋاقىت بۆلىكىنى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ دەل «كېيىنكىسى ھازىرقىغا نەزەر سالىدىغان، ھازىرقىسى ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلايدىغان» ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ھازىرقىلارنىڭ قەدىمكىلەرنى چۈشىنىشى، قەدىمكىلەرنىڭ تېخىمۇ قەدىمكىلەرنى چۈشىنىشىنىڭ ئاساسى.
شيا لىجۈننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قەدىمكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمى ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇر گىرەلىشىشى، بۇنىڭدا لى سىغا ئىچ ئاغرىتىش، سى ماچىيەن، چۈ يۈەننى ھۆرمەت قىلىش، ساۋ ساۋ، تاۋ يۈئەنمىڭ، لى بەيلەرنى ياخشى كۆرۈش، شاڭ ياڭ، خەن فېيلاردىن ھوشيار بولۇش قاتارلىق تۇيغۇلار مۇجەسسەم قىلىنغان. تارىخ تىترىمەكتە، ۋاقىت نەپەس ئالماقتا، ئىنسان تەبىئىتى تىركىشىۋاتماقتا. مەن مۇشۇنداق ئومۇمىيلىققا، تەپسىلاتقا، نۇقتا بىلەن دائىرىگە، ئىنسان تەبىئىتىگە باي ماقالىلەرنى ياخشى كۆرىمەن. «ئەنئەنىنى تەنقىد قىلىش» ياكى «ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش» قاتارلىق ئۇقۇملار ئارقىلىق بۇ ماقالىگە باھا بېرىش تەس. ئاپتورنىڭ «ئۆزىنىڭكىنى راست دېيىش» بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىشى ئوخشاش مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان. ماقالە ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ۋەزنى بار، قىزىقارلىق ماقالىلەر بولۇپ، نەزەر دائىرىسى كەڭ، يىلتىزى چوڭقۇر، مەردانە يېزىلغان. ئاپتور نەق مەيداندا بولسا، قەدىمكىلەر نەق مەيداندا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر نەسىرلىرىنىڭ ئەزەلدىنلا مەزمۇنى كەڭ، ئەركىن- ئازادە، ئاددىي- ساددا. چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى ئۆلىمالار ۋە سى ماچىيەننىڭ نەسىرلىرىدە ئىپادىلەنگىنى دۇنيا، ئالەم، ئادەملەرنىڭ چەكسىز نازۇك ۋە ئىنچىكە قەلبى ئىدى. «ۋاقىت بېسىمى» ئۇلۇغۋار نىشانغا يۈزلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلسەپە مەنزىلىگە ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن.
2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، «جۇڭشەن» ژورنىلىدا ئىككى قېتىم باش ئىلاۋە ئورنىدا شيا لىجۈننىڭ 140 مىڭ خەتلىك تارىخىي شەخسلەر يۈرۈشلۈك نەسىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىلەر «ۋاقىت بېسىمى» ناملىق كىتاپنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى. «جۇڭشەن» ژورنىلىدا بىر ئاپتورنىڭ نەسىرلىرىنى بۇنچە كۈچەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. «ۋاقىت بېسىمى» ماڭا غايەت زور بېسىم ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزى تۈزۈپ چىققان ئەسەرلەرگە كىرىش سۆز يېزىشنى بەختلىك ئىش دېيىشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا بۇ ماقالىنى نۇقتىلىق ماقالە سۈپىتىدە ئىشلىتىش قارارىغا كەلگەندە، بۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن، «ۋاقىت بېسىمى» چوقۇم كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم سۈپىتى ياخشى كىتاب بولالايدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەنە ئىز قوغلاپ، كۆزىتىپ باقماقچى بولدۇم: يازغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە «ۋاقىت بېسىمى» ناملىق ئەسەر بولمىسا بولمايدۇ، ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ «ۋاقىت بېسىمى» غا تايىنىپ ئىسپاتلىنىدۇ.
«ۋاقىت بېسىمى» ناملىق كىتابنى ئوقۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى بولۇپ قالدى. بەلكىم چوڭقۇر ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ۋەقەلىگى ئەگىر- توقاي ئەسەرلەرنى ئۆقۇپ كۆنۈپ قالغان ئوقۇرمەنلەر بۇنى كۆرۈپلا كەينىگە داجىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. شيا لىجۈن: «مەن پەقەت ۋاقىتتىن قورقىمەن» دېگەن.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى