قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىئەننىڭ دۇمباق مۇزىكىسى

2019-01-09 20:05:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىئەننىڭ دۇمباق مۇزىكىسى، چاڭئەننىڭ قەدىمىي مۇزىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شىئەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى خەلق ئارىسىغا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ ئەنئەنىۋى چوڭ تىپتىكى دۇمباق مۇزىكىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەزمىخانىلاردا بارلىققا كەلگەن، كېيىن ئوردا مۇزىكىسىغا سىڭدۈرۈلۈپ، تەدرىجىي خەلق ئىچىگە تارقالغان. دۇمباق مۇزىكىسىنىڭ ئاھاڭى ھەيۋەتلىك، تەمكىن، نازۇك بولۇپ، مۇزىكىسى مول، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئاھاڭى يېقىملىق، ئوردا مۇزىكا ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى خەلق مۇزىكىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇزىكا سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھازىرغىچە يەنىلا مۇكەممەل مۇزىكىسى، نوتىسى، قۇرۇلمىسى، چالغۇسى ۋە ئورۇنداش شەكىللىرىنى ساقلاپ قالغان. شىئەن دۇمباق مۇزىكىسى ھازىرغا قەدەر جۇڭگودىن تېپىلغان ھەمدە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان چوڭ تىپتىكى ئەلئارا چالغۇ تۈرلىرىنىڭ بىرى. 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن. ھازىر، شىئەندىكى ھەر قايسى دۇمباق مۇزىكا ئەترەتلىرى قوللىنىۋاتقان نوتا يەنىلا قەدىمكى يېرىم خەتلىك نوتا بولۇپ، پۈتۈنلەي كۆچۈرۈلمە نۇسخا. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۆچۈرۈلمە نۇسخا يەنىلا ساقلانغان بولۇپ، بەزى نوتىلار دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نوتىلار بىلەن ئوخشاش. ھازىر ساقلىنىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 28- يىلى شىئەن دۇمباق مۇزىكىسىنىڭ قولدا يېزىپ ساقلانغان نوتىسى سۇڭ سۇلالىسىدىكى جياڭ كۈي ئاھاڭ ئىجاد قىلغاندا ئىشلەتكەن نوتا بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇنىڭ ساقلىنىش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن تەدرىجىي مەملىكەت بويىچە يوقىلىپ كەتكەن ئاددى خەتلىك نوتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. پۈتۈن مۇزىكا نامىنى ئەتراپلىق كۈزىتىشتىن قارىغاندا، تاڭ، سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىرىدىكى مۇزىكا تۈرلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، جۇڭگو مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى دېيىشكە بولىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدە گۈللىنىپ، سۇڭ سۇلالىسىدە پەسكويغا چۈشكەن، جۇڭگو مۇزىكسىنىڭ نۇرغۇن مۇزىكا ئامىلىنىڭ ھەممىسى بۇ قەدىمىي مۇزىكا تۈرى ئىچىدە ئىزلىرىنى قالدۇرغان. چاڭئەن دۇمباق مۇزىكىسىنى جۇڭگو قەدىمكى مۇزىكىسىنىڭ «تىرىك تاشقاتمىسى» دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.

چاڭئەن دۇمباق مۇزىكىسى ئۈچ ئېقىمغا بۆلۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبقا ئىگە. شىئەن دۇمباق مۇزىكىسى بامبۇك نېيىنى مۇھىم ئورۇنداش چالغۇسى قىلىدىغان بولۇپ، «ئولتۇرۇپ ئورۇنداش» ۋە «مېڭىپ تۇرۇپ ئورۇنداش» قاتارلىق ئورۇنداش ئۇسۇللىرى بار، «ئولتۇرۇپ ئورۇنداش» ئۆي ئىچىدە ئورۇنداش بولۇپ، يەللىك چالغۇلاردىن نەي، شىڭ، گۈەن قاتارلىقلار، چەكمە چالغۇلاردىن ئولتۇرۇپ چالىدىغان زوگۇ دۇمبىقى، يۆگۇ دۇمبىقى، دۇگۇ دۇمبىقى، چوڭ جاڭ، كىچىك جاڭ، مىس جاڭ، كىچىك كىمبال، دالو جاڭ، باشلانما جاڭ، چەكمە، چوڭ باڭزى قاتارلىقلار بار. بەزىدە يەنە يۈنلونىمۇ ئارلاشتۇرىدۇ. شىئەن دۇمباق مۇزىكىسى كۆپىنچە ھەر يىلنىڭ ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن يېزا يىغىلىشى ۋە بۇتخانا سەيلىسىدە ئورۇنلىنىدىغان بولۇپ، ئورۇنلىغۇچىلار ئاساسلىقى كەنت ۋە بازارلار تەشكىللىگەن «دۇمباق مۇزىكا ئۈمەك» لىرىدىن ئىبارەت.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى