قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر

2019-01-09 20:07:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ قوي گۆشى شورپىسى:
   شىنجاڭ قوي گۆشى شورپىسى-- قىش پەسلىدە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى يىمەكلىك. نۇرغۇن كىشىلەر قىشتا شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەندە ھەممەيلەن قوي گۆشى شورپىسىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ بىر قاچىدىن ئىچىشىدۇ، يەرلىك كىشىلەر بولسا ئىككى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم قوي گۆشى شورپىسى ئىچىدۇ. شىنجاڭ قوي گۆشى شورپىسىنىڭ بۇنچىۋالا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەپ تاللانغان قوي گۆشى ئىنتايىن سۈپەتلىك، ھەممىسى ئوتلاقتا بېقىلغان چوڭ قۇيرۇقلۇق قوينىڭ گۆشى. پۇشۇرۇش جەريانىدا ئەسلى تەمگە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئىنتايىن تەملىك. شورپىنىڭ گۆشى يۇمشاق، شورپىسى سۈزۈك، بىر خىل تەبىئىي خۇشپۇرىقى بار.
 
  شىنجاڭ قوي گۆشى شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان بولۇپ، كىشىنى ساغلام قىلىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭلىقلار قىش پەسلىدە قوي گۆشى شورپىسى ئىچىپ قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، شورپىغا يەنە ئالىقات، چىلان قاتارلىقلارنى سالىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسا ئادەمنىڭ مەڭزى قىزىرىپ، تېنى ساغلام بولىدۇ، بۇ قوي گۆشىنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاش، قان تولۇقلاش رولىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ شورپا يەنە جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان بولۇپ، دائىم ئىچىپ بەرسە ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىسى بار.
ھاۋا كۈنسېرى سوۋۇۋاتىدۇ، بىر قازان قوي گۆشى شورپىسى قاينىتىپ ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن قىش پەسلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىڭ.
 
   ساپال قاچا شورپىسى:
   ساپال قاچا شورپىسى-- جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى دۈملەپ پۇشۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ساپال قاچىدىن پايدىلىنىپ، ماسلاشتۇرۇلغان يىمەكلىكلەر ۋە مېنرال سۇنى خام ئەشيا قىلىپ، قاتتىق ياغاچ كۆمۈر ئوتى ئارقىلىق، يەتتە سائەت قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جيايوۋ يىللىرى خۇڭجۇلۇق بىر  ئۆلىما دوستلىرى بىلەن دالا سەيلىسىگە چىقىپ بىر گۈزەل جايغا يېتىپ كەپتۇ- دە، چاكىرىنى شۇ يەردە بېلىق، توخو گۆشى ۋە گۆش پۇشۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ، ئۇلار كۈن پاتقۇچە ئويناپتۇ. ئۇلار كېتىدىغان ۋاقىتتا چاكار ئېشىپ قالغان گۆشلەرنى ساپال قاچىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنرال سۇ قۇيۇپ، ئېغىزىنى چىڭ ئېتىپ ئوتى ئۆچمىگەن ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ھاۋا ئالمىشىش ئۈچۈن بىرلا تۆشۈك ئېچىپ قويۇپتۇ. ئىككىنجى كۈنى ھەممەيلەن ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بوپتۇ، چاكار ساپال قاچىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىشىغىلا پۇرىقى ئەتراپقا تاراپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك سىرتقا ئوينىغىلى چىققاندا بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ساپال قاچا شورپىسى قاينىتىپ ئېچىدىغان بوپتۇ. كېيىن بىر دۇكاندار بۇ ئىشدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۆزى قول سېلىپ تەييارلاپ بېقىپتۇ ھەمدە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ساپال قاچا شورپىسى ئەل ئارىسىغا تارقىلىپ، جياڭشى قورۇمىسىدىكى بىر مۆجىزە بولۇپ قاپتۇ. ئىلگىرى بىر ئاشپەز بۇ شورپىنى ماختاپ: «ئەل ئارىسىدىكى شورپا مىڭ يىلدىن ئاشتى، ھەممە مېھمانلار بۇنىڭغا ئامراق. مىڭ يىلدا ئاجايىپ كىرىم قىلدىم، شورپىنىڭ تەمى ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز» دەپ شېئىر يازغان. «ساپال قاچا شورپا خاتىرىسى» دە: «ساپال قاچىدىن كەلگەن خۇشپۇراق، ھەممە يەرگە تارايدۇ، بىر قاچا شورپا، جاھاندا تەڭداشسىز» دەپ خاتىرلەنگەن.
ساپال قاچىنىڭ سۈپىتى شۇ يەردىكى تۇپراقنىڭ مۇسبەت مەنفىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇزاق دۈملىگەندە ماتىرياللارنىڭ تەمى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى شورپىغا ئېرىپ كىرىپ، شورپا قويۇقلىشىپ، خۇشپۇرىقى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، تەمى ئۆزگىچە، قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ساپال قاچا شورپىسىنىڭ يېمەكلىك تۈرلىرى مول، نۇرغۇن يىمەكلىك ۋە دورىلارنى قوقاسلاپ تەييارلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تەكىيە كاۋا قوۋۇرغا شورپىسى تەييارلىغاندا خەيدەي، سىياھبېلىق قاتارلىقلارنى ئارلاشتۇرسا؛ توخو شورپىسى تەييارلىغاندا چىلان، خاسىڭ، نىلۇپەر ئۇرۇقى، گاسترودىيە ئوتى، ئادەمگىياھ قاتارلىقلارنى ئارلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
 
ئاچچىق شورپا:
ئاچچىق شورپا-- خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ جۇكۇ شەھىرىنىڭ شىخۇاشەن ناھىيەسىدىكى شىياۋياۋ ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق شورپىسى ئەڭ داڭلىق. بۇ جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ناشتىدا دائىم ئىستىمال قىلىنىدىغان ئەنئەنىۋى شورپا تۈرىدىكى داڭلىق يېمەكلىك. كۆپ خىل تەبىئىي دورا ئۆسۈملۈكلەرنى نىسبەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق خۇرۇچىغا قارىمۇچ، لازا ۋە سۆڭەك شورپىسىنى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئاچچىق شورپىنىڭ ئالاھىدىلىكى شورپا پۇرىقى قويۇق، رەڭگى چىرايلىق، يېپىشقاق، مەززىلىك، باشقا ناشتىلىقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يىيىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە، تەرەققىي قىلىپ خېنەن ۋە خېنەن ئەتراپتىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدىغان ۋە بىلىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بىر قاچا ئاچچىق شورپا خېنەنلىكلەرنىڭ ھېسسىياتى ۋە خارەكتىرىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. يېمەك- ئېچمەككە بولغان قىزىقىشى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ھەممە كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان بۇ جايدا بىر قاچا شورپا باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتالايدۇ. ئاران 50 مىڭلا نوپۇسى بار خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جوۋكۇ شەھىرى شىخۇاشەن ناھىيەسىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى شاۋياۋ بازىرىدىكى 4 مىڭ 200 ئائىلىدىكى 20 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاچچىق شورپا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى 20 نەچچە ئۆلكىگە تارقىلىپ، بۇ مەززىلىك تائامنى خېلى كۆپ كىشىلەرگە تارقاتقان. دېمەك، ھازىر ئاچچىق شورپا تىجارىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گۈللەنمەكتە. سوغۇقتا بىر قاچا ئاچچىق شورپا كەلتۈرۈلسە مەيلى ناشتىلىق ياكى كەچلىك تاماق بولسۇن بەدەننى ئىللىتىدۇ.
 
گۇاڭدۇڭ كونا شورپىسى:
گۇاڭدۇڭ كونا شورپىسى-- گۇاڭجۇ شورپىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تەملىك ئەنئەنىۋى داڭلىق تاماق. گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى سىستېمىسىغا تەۋە. بۇ گۇاڭدۇڭلۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلغان قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى مەخپىي رىتسىپى. بوش ئوتتا قاينىتىلغان جۇڭخۇا كونا شورپىسىنىڭ ئوتى يېتەرلىك، قاينىتىش ۋاقتى ئۇزۇن، ھەم دورىلىق ئۈنۈمگە ئىگە ھەم تاتلىق. ئادەم بەدىنىدىكى خلىتلارنى تەڭشەيدىغان كۈتۈنۈش شورپىسى. يەنە قوشۇمچە بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان دورىلىق شورپا. گۇاڭجۇلۇقلارنىڭ كونا شورپىسىنىڭ تۈرى كۆپ، ھەر خىل شورپا خۇرۇچى ۋە قاينىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تەمى ئۆزگىچە ئوخشىمىغان رولى بار شورپىلارنى ئەتكىلى بولىدۇ. گۇاڭجۇنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە «لياڭساۋ شورپىسى» ئارقىلىق، لوبېلىيە ئوتىدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان بېلىق قۇيرۇقى، تەكىيە كاۋا، نېلۇپەر يوپۇرمىقىدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان ئۆردەك گۆشى، قۇرتئوت بامبۇك نوتىلىق توخۇ شورپىسى، كوكۇس توخۇ شورپىسى، ئاچا سەي بېلىق شورپىسى تەييارلىغى بولىدۇ. شورپا خۇرۇچلىرى گۆش، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات، قۇرۇق مېۋە، ئاشلىق، دورا ماتىرياللىرى قاتارلىقلار. شورپىنى تەييارلاش ئۇسۇلى ھەر خىل بولىدۇ، ئوخشىمىغان شورپىنى ئوخشىمىغان ماتىرياللاردا تەييارلايدىغان بولۇپ، تۇزلۇق، تاتلىق، چۈچۈمەل، ئاچچىق قاتارلىق تەملىكلىرى بار.
 
ئۆردەك قېنى پىنتوزا شورپىسى:
ئۆردەك قېنى پىنتوزا شورپىسى-- نەنجىڭنىڭ ئالاھىدە يىمەكلىكى، جىنلىڭ ئۇششاق يىمەكلىكلىرىگە تەۋە شۇنداقلا ئۆردەكنى ئۆزگىچىلىك قىلغان يىمەك- ئېچمەكنىڭ بىرى. ئۆردەك قېنى پىنتوزا شورپىسىنى ئۆردەك قېنى، ئۆردەك ئۈچىيى، ئۆردەك جىگىرى، پىنتوزا قاتارلىقلارنى ئۆردەك شورپىسىغا ئارلاشتۇرۇپ تەييارلايدۇ. بۇ شورپا مۆتىدىل، خۇشپۇراق بولۇشتەك ئالاھىدىلكلەرگە ئىگە. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان. نەنجىڭلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ئۆردەك گۆشى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۆردەك گۆشى تائاملىرىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، «جىنلىڭنىڭ ئۆردەك گۆشىنىڭ جاھاندا تەڭدىشى يوق» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۆردەك قېنى پىنتوزا شورپىسى تەييارلاشتا جايلارنىڭ يېمەك- ئېچمەك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلارنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى بىردەك ئەمەس. بىراق، مەيلى ئۆردەك شورپىسى پىشۇرۇش ياكى ئۆردەك قېنى، ئۆردەك جىگىرى بىلەن ئۆردەك ئۈچىيىنى تەييارلاش بولسۇن، ھەممىسىدە جىنلىڭنىڭ ئەنئەنىۋى تۇزلۇق سۇدا ئۆردەك گۆشى تەييارلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. جىنلىڭ قورۇمىلىرى ئىچىدە ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە. نەنجىڭنىڭ ئۆردەك تۈردىكى سەيلىرى 1 مىڭ 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ئۆردەك قېنى شورپىسى ئۆردەك قېنى پىنتوزا شورپىسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆردەك قېنى، ئۆردەك ئۈچىيى، ئۆردەك جىگىرى، ئۆردەك تاشلىقى قاتارلىقلار سېلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، بەزىلەر بۇنىڭغا پىنتوزا ئارلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ خۇشپۇرىقى ئەتراپقا تاراپ سېتىلىشى تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۆردەك قېنى پىنتوزا شورپىسى بارلىققا كەلگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى