قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئۇزۇنغا سوزۇلغان سېغىنىش چاڭئەن شەھىرىدە

2019-01-09 20:08:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  شىئەن تارىختا تۇنجى بولۇپ ئاستانە دەپ ئاتالغان شەھەر. قەدىمدە چاڭئەن «ئەبەدىي ئەمىنلىك» دېگەن مەنىدە ئىدى. بەزىلەر بۇ شەھەرنى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، بازارلىرى ئاۋات، ئوردىلىرى باي دەپ تەسۋىرلەيدۇ. چاڭئەننىڭ يوللىرىغا نەزەر سالسا، كىشىگە لۇ جاۋلىننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قاشتېشى خان مەپىسى ۋە ياۋا كۈنجۈت پۆپۈكى چاڭئەننىڭ ھەشەمىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىرلار ئارىسىدا لى بەينىڭ چاڭئەندە تۇرغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا. ئۈچ قېتىم چاڭئەنگە كەلگەن لى بەينىڭ چاڭئەنگە بولغان ئۈمۈدى ئىنتىلىشى ئەڭ قىزغىن بولغان. سىچۈەندىن چىقىپ، جىنلىڭ ۋە ياڭجۇدىن ئۆتۈپ چاڭئەنگە كەلگەندە يۈكسەك ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان. لى بەي چاڭئەنگە بولغان چەكسىز مېھرى بىلەن چاڭئەنگە تەلپۈنۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرىدىن ئۆزىنى چاڭئەنلىك دەپ ئاتىغان ساداقىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چاڭئەن شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىنى تال يوپۇرماقلىرى قاپلىغان، باھار يامغۇرى يۇيۇپ ئۆتكەن سالقىنلىق بار، ئەتراپتىكى مەنزىرىلىرى كىشىگە راھەت بېغىشلايدۇ.
چاڭئەندە ئېرىشىشمۇ يۇقۇتۇشمۇ بار. مەيلى ئاۋات بولۇپ شان شەرەپ قۇچسۇن، مەيلى خاراپلاشسۇن ۋە ياكى قايغۇرسۇن ھەممىسى چاڭئەننىڭ چاتما رەسىمى ئىچىدىكى بىر تەڭداشسىز بەلگە. بۇ شەھەر باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ ھەر خىل كەيپىياتلىرىنى كۆتۈرەلەيدۇ.  
چوڭقۇر ئەسلىمىگە ئىگە خاڭجۇ:
ئىلگىرى يەرلىك ھاكىمىيەت ۋۇ، يۆ پادىشاھلىقى ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى خاڭجۇنى پايتەخت قىلغان. مول تارىخى ئىزنالارغا ئىگە، تۆت پەسلىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ھەمدە ئۆزگىچە جەلۇپكارلىققا ئىگە. بەي جۈيى بىلەن سۇ شى خاڭجۇ ۋە شىخۇ كۆلىنى مەدھىيلىگەن. بەي جۈيى خاڭجۇدا يەرلىك ئەمەلدارلىق سالاھىيىتى بىلەن ئولتۇراقلىشىپ، خاڭجۇ بىلەن شىخۇغا نىسبەتەن يۇرت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. بەي جۈيى بىلەن خاڭجۇنىڭ بىربىرىگە بولغان مۇھەببىتى خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان قۇرۇلۇشقا تايىنىپ قالماستىن، يەنە شۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە تايانغان. ئۇ دائىم  كوچا- كويلارنى، خاڭجۇنىڭ تاغ- دەريالىرىنى كېزىپ، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى، مەشھۇر ئاسارە- ئەتىقىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىلھام ئىلىپ ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقىنى «جىيەنتاڭجياڭدىكى باھار سەيلىسى» دېيىشكە بولىدۇ، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، ئوت- چۆپلەر، كىشىنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويغۇدەك گۈزەل خۇدۇڭ مەنزىرىسى ۋە يېشىل توغراق بىلەن قاپلانغان بەيشا توسمىسى، خاڭجۇنىڭ باش ئەتىيازدىكى مەنزىرىسى بولۇپ، كىشىگە شېئىرىي ھېسسىيات ئاتا قىلىدۇ. بەي جۈيى خاڭجۇغا بولغان مېھىر- مۇھەببىتىنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن، شىخۇ، شىزىخۇ كوللىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.
خۇددى لىن يۈتاڭ: «سۇدۇڭپو ئەسەرلىرى ھەققىدە قىسسە» دە ئېيتقاندەك، ئەگەر بىرەسى سۇ شىنى خاڭجۇلۇق ئەمەس دېسە، خاڭجۇلۇقلار خاپا بولىدۇ. سۇ شىنىڭ بارلىق گۈزەل ئەسلىمىلىرى مۇشۇ ئىككىنجى يۇرتىدا قالغان. نېمە ئۈچۈن دېگەندە «چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىنى ئەسلىگەندە بىرىنجى بولۇپ خاڭجۇ ئېسىمىزگە كېلىدۇ؟». چۈنكى، خاڭجۇدا سۇ شى ۋە بەي جۈيىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە غايىسى بار. ئىككىيلەن ئاللىقاچان خاڭجۇنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلىنىپ، خاڭجۇ بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن.
مەن مىيەنگۇەن شەھىرىدە تۇرىمەن:
چېڭدۇ جۇڭگونىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، پايتەخت بولغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى، 4 مىڭ 500 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە. مىلادىدىن بۇرۇنقى كەيمىڭ سۇلالىسى ئۈچ يىل چىڭدۇنى پايتەخىت قىلغان. قەدىمدىن تارتىپلا ئىسمى چىڭدۇ بولۇپ، شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىسمى ئۆزگىرىپ باقمىغان. جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ قوشۇلۇش نۇقتىسىغا جايلاشقان. چېڭدۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۆلەت دەرىجىلىك مەركىزى شەھەر بولغان. ئىقتىسادىي، سىياسىي ئورنى ۋە تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى چىڭدۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەر بولۇشىنى بەلگىلىگەن. گۈل گىياھ ۋە تاغ- دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكى كىشىنى مەست قىلىدۇ. نۇرغۇن شائىرلار بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغان.
شائىرلاردىن دۇ فۇ چېڭدۇغا كەلگەن، ئەنلۇشەن توپىلىڭى تۈپەيلىدىن، دۇ فۇ چىقىش يولى تاپالماي، ئامالسىز بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا بىر قەدەر باياشات ۋە مۇقىم بولغان چېڭدۇدا پاناھلانغۇدەك ئادىمى بار ئىدى. گۇاڭيۈەندىن تارتىپ، غەربىي جەنۇبقىچە بولغان جايلارنىڭ مەنزىرسى، تاغ سۇلىرى شائىرنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتىنى قوزغىغان.
دۇ فۇ ناتونۇش بولغان بۇ تۇپراققا ئۆز ھېسسياتىنى ئاتىغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئىجادىيىتى مۇشۇ يەردە تاماملانغان. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇ فۇ ئۆمرىدە 1 مىڭ 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازغان بولۇپ، بۇنىڭ 475 پارچسىنى چېڭدۇدا يازغان.
چىڭدۇدىكى بىر مەزگىللىك تۇرمۇش، دۇ فۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەستە قولغا كەلتۈرگەن تىنچ تۇرمۇشى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ دوستىغا يازغان بىر پارچە خېتىدىكى «مەن مىيەنگۇەن شەھىرىدە تۇرىمەن» دېگەن سۆزىدىن دۇ فۇنىڭ چېڭدۇغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى