قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دائىم ھەرىكەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق

2019-01-09 20:16:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دائىم ھەرىكەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق. چېنىقىش كىشىنى ساغلام قىلىدىغان ياخشى دورا، لېكىن مۇۋاپىق بولمىغان چېنىقىش سىزگە ئاستا ـ ئاستا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز ياكى چېنىقشتىن كېيىن دائىم كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، باش ئاغرىش، كۆكرەك قىسمى بىئارام بولۇش، چارچاش، پۇت- قول ماغدۇرسىزلىنىش، دېمى سىقىلىش، بوغۇم ۋە مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بەدەن چېنىقتۇرۇشىڭىز زىيادە ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، بەدەندە كۆرۈلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.
يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، بىز چېنىقىش رىتىمنى ئاستىلىتىپ، ھەرىكەت مىقدارىنى كىچىكتىن تەدرىجىي يۇقىرىلىتىشىمىز كېرەك. ئەگەر سالامەتلىكىڭىزدە ئۆزگىرىش بولسا، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى ۋە بويۇن ئومۇرتقىسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈڭ. ئەگەر دېمىڭىز سىقىلسا، ئۇنداقتا بۇ يۈرەك كېسىلى ياكى يۈرەك سانجىقى قوزغىلىشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مۇۋاپىق چېنىقىش تەشۋىشلىنىشنى يېنىكلىتىدۇ، لېكىن ھەددىدىن زىيادە چېنىقىش ئەكسىچە خامۇشلۇق، مىجەزى چۇسلىشىش ۋە مىجەزى تۇراقسىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بەدەن چېنىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھارغىنلىق ھېس قىلىش، بوغۇم ۋە مۇسكۇللار ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.
چېنىققاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بەدەن قىزىتىش ۋە پەي سوزۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا. چېنىقىشتا پەي سوزۇش ناھايىتى مۇھىم، بولۇپمۇ چېنىقشتىن كېيىن پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەش كىرەك، بولمىسا بوغۇم ۋە مۇسكۇللار ئاسانلا چارچاپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چېنىقىشتىن زەخىملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. پەي سوزۇش مەشىقىنىڭ ۋاقتى ئاز دېگەندە ئون مىنۇت بولۇشى ياكى چېنىقىش ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا تەڭ بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چېنىقىش جەريانىدا، ھەرىكەت ئۆلچەملىك بولمىسا ئوخشاشلا زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز دائىم ئاڭلايدىغان «يۈگۈرۈش تىزنى يارىلاندۇرىدۇ» دېگەن گەپمۇ، ھەرىكەتنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان، پەقەت ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە ھەرىكەت مىقدارى مۇۋاپىق بولسىلا، چېنىقىشتا زەخىملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئادەتتە دائىم چېنىقمايدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشانغانلار چوقۇم سىجىللىقى تۆۋەن، ۋاقتى قىسقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشى ۋە 2 ـ 3 كۈندە بىر چېنىقىش شەكلى بويىچە، ھەرىكەت سىجىللىقىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئەگەر بىر قېتىملىق ھاياجانلىنىش بىلەن چېنىقىپ، «ئۈچ كۈن بېلىق تۇتۇپ، ئىككى كۈن تور قۇرۇتسىڭىز» چېنىقىش نىشانىغا يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ساپاسى، ھەرىكەت ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان چېنىقىش نىشانىنى بېكىتىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرسىڭىز ئاندىن چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ.
 دائىم چېنىقىپ تۇرۇش، سالامەتلىككە پايدىلىق. ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ بىرلىكتە چېنىقايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى