قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 21 پۇقراۋى ئايرودروم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش رېئاللىققا ئايلانماقتا

2019-01-09 20:18:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 21 پۇقراۋى ئايرودروم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش، تارماق لىنىيەلەر ئارا ئۇچۇش» ئاۋىياتسىيە لىنىيە تورىنىڭ ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىغا ئالمىشىپ ئۇچۇش، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ سىرتقا چىقىشى تېخىمۇ قولايلىشىپلا قالماي، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشىمۇ رېئاللىققا ئايلانماقتا.

بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 26- كۈنى، 108 يولۇچى ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6827- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق قونۇشى بىلەن، تۇمشۇق «تاڭۋاڭچېڭ» ئايرودرۇمىدا ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى رەسمىي باشلاندى. بۇ، تۇمشۇق بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. پەيزاۋات باش مەيدانىنىڭ ئىشچىسى مىڭ يەنچاۋنىڭ ئىلگىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىشى ئۈچۈن 20 سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشى تېخىمۇ قۇلايلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئايرۇپىلانغا ئولتۇرسام ئۈرۈمچىگە بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا يېتىپ بارىمەن، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم.

«تاڭۋاڭچېڭ» ئايرودرۇمىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، تۇمشۇق شەھىرىدىن سىرتقا تۇتىشىدىغان «بوشلۇق كارىدورى» ئېچىلدى. بۇ مەزكۇر جاينىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. شىنجاڭ «ئافەنشۇ» بىئو پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لياڭ يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: بىز يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيمىز، مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىستىمالچىلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ.

تۇمشۇق «تاڭۋاڭچېڭ» ئايرودرۇمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىۋېتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەرنىڭ «بوشلۇق كارىدورى»نى ئېچىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا تىرانسپورت كۈچىنى زورايتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيە تورى قۇرۇلمىسىنى تەدرىجى سەرخىللاشتۇردى. ئۆمۈچۈك تورىدەك زىچ قاپلانغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە «ئىككى قانات» ئاتا قىلدى. ھازىر ساياھەتچىلەر قەشقەردە قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتماي تۇرۇپلا ئايرۇپىلان بىلەن بىۋاسىتە كورلىغا بېرىپ كۆنچى دەرياسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلسىمۇ، ياكى غۇلجىغا بېرىپ ئۈستىقۇددۇسنىڭ خوش پۇرىقىدىن ھوزۇرلانسىمۇ ۋە ياكى داۋاملىق شىمالغا ئۇچۇپ ئالتايغا بېرىپ ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە بېلىق تۇتسىمۇ بولىدۇ. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنە قارامايدىن قەشقەر، ئاقسۇ، چۆچەك، بورتالاغا ئۇچىدىغان 4 تارماق لىنىيەنى كۆپەيتتى. بۇ تۆت ئاۋىياتسىيە يېڭى لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، قارامايدىن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 11 غا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 ۋىلايەت، ئوبلاستقا بېرىپ- كېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قاراماي شەھەر ئاھالىسى تاڭ خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى قارامايدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چۆچەككە ئۇچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرگە بېرىپ باقمىغان، ئىلگىرى ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ بەكلا چارچاپ كېتەتتىم. ھازىر، شىنجاڭ سىرتىغا ئالمىشىپ ئۇچۇش، شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىشىمىز، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشىمىزمۇ كۆپ قۇلايلاشتى.

ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 36 ئاۋىياتسىيە شىركىتى 254 قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، 16 دۆلەت، 25 خەلقئارا (رايون) شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 79 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارىسىدا ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودرۇملىرى ئارا قاتنايدىغان لىنىيەدىن 31 ئى، تارماق لىنىيە ئايرودرۇملىرىدىن بىۋاسىتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 42 سى بار. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا مەشغۇلات بازىسى قۇرۇشقا جەلپ قىلدى. بۇلتۇر 4- ئايدا، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كورلىدىكى قونۇپ ئۇچۇش بازىسىنىڭ يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى، بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى قاراماي ئايرودرۇمىدا قونۇش بازىسى قۇرۇلۇپ، يىپەك يولى شىمالىي شىنجاڭ قاتناش تۈگۈنى يولىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن چوڭ قەدەم تاشلاندى. خۇاشيا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لو توڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىمىز يېرىم يىلدىن بۇيان ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتىدۇ. ئەمدى غۇلجا، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئايروپىلانلىرىمىزنى كۆپەيتىپ، ئىككىلەمچى تۈگۈن ئايرودرۇمىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى