قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا- ئارقىدىن يەتكۈزۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ كۆپ خىل قار- مۇز ساياھىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2019-01-09 20:19:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، «جۇڭگونىڭ 2018- يىللىق قار- مۇز ساياھىتى تەرەققىيات دوكلاتى» ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ خىل قار- مۇز ساياھىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى «2018-يىللىق 10 ياخشى قار ـ مۇز ساياھەت شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھى «2017-، 2018- يىللىق قار- مۇز پەسلىدىكى 10 كۈچلۈك قار- مۇز تېيىلىش ساياھەت رايونى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛ جۇڭگو غەربىي رايون قار ـ مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى «2017-، 2018- يىللىق قار- مۇز پەسلىدىكى 10 كۈچلۈك ساياھەت بايرىمى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
 ئىگىلىنىشىچە، بۇ «دوكلات» 3-نۆۋەتلىك جىلىن قار ـ مۇز كەسپى كۆرگەزمىسى ۋە 22-نۆۋەتلىك چاڭچۈن قار ـ مۇز ساياھەت بايرىمىدا، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىكەن. «دوكلات» جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى ۋە شېيېچېڭ ساياھەت تورى چوڭ سانلىق مەلۇمات بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇنىۋېرسال ھېسابلاش ئارقىلىق چىقىرىلغان.
 «2018- يىللىق ئون ياخشى قار- مۇز ساياھەت شەھىرى» قار- مۇز ساياھەت بايلىقى موللىقى، شەھەر ساياھەت سۈپىتى، بايلىق ۋە ئادىمىيەت مۇھىتىنىڭ دوستانە بۇلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش سالمىقى قاتارلىق تۆت ئۆلچەم بويىچە باھالىنىدۇ. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار- مۇز ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش مەنبەسى» دېگەن نامى بار. 2018- يىلى، ئالتاي شەھىرىگە دۆلەت كىلىمات مەركىزى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ قار ماكانى» دەپ نام بېرىلدى. 2018-، 2019- يىللىق قار پەسلىدە ئالتاي ۋىلايىتى 3 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ساياھەت جانلىنىش مەزگىلىدە جانلىنىدىغان، سۇس پەسلىدىمۇ سۇسلاشمايدىغان» ھالەت شەكىللەندى، 2018-، 2019- يىللىق قار پەسلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2017- يىلىنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشىدۇ.
 شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھى ۋە چاڭبەيشەن خەلقئارا ئارامگاھى، يابۇل قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق قار تېيىلىش ساياھەت رايونلىرى «2017-، 2018- يىللىق قار- مۇز پەسلىدىكى 10 كۈچلۈك قار تېيىلىش ساياھەت رايونى» تىزىملىكىگە تاللاندى. شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھى 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقە مەيدانى ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن جاي، ھازىر جۇڭگونىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىدىغان قار تېيىلىش، دەم ئېلىش رايونىغا ئايلاندى، «ئەڭ ئىللىق قار تېيىلىش دەم ئېلىش رايونى» دەپ نام ئالدى. شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھى 1 مىليون 800 مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان قار تېيىلىش يولىغا ئىگە بولۇپ، تېز سۈرئەتلىك فۇنىكۇليوردىن 3 نى ياسىغاندىن كېيىن، سائىتىگە 8 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق توشۇش كۈچىگە ئىگە بولدى، بۇ جاي ھازىر مەملىكەت بويىچە توشۇش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.«
 جۇڭگو غەربىي رايون قار- مۇز ساياھەت بايرىمى، جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى ۋە جۇڭگو خاربىن خەلقئارا قار- مۇز بايرىمى قاتارلىقلار «2017-، 2018- يىللىق قار- مۇز ساياھەت پەسلىدىكى 10 كۈچلۈك قار- مۇز ساياھەت بايرىمى» قاتارىغا كىردى. 2006-يىلىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو غەربىي رايون قار- مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى يەرمەنكىسى 13 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ۋە پۈتكۈل غەربىي رايوندىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قىشلىق قار- مۇز ساياھەت بايرىمى ماركىسىغا ئايلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى