قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق ھۆددىگە ئېلىنغان ساياھەت ئايروپىلانىدىكى ساياھەتچىلەر قۇمۇلدا ساياھەت قىلدى

2019-01-09 20:20:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق ھۆددىگە ئېلىنغان ساياھەت ئايروپىلانى بىلەن قىشلىق ساياھەتكە كەلگەن 78 ساياھەتچى قۇمۇلغا يېتىپ كەلدى، بۇ خېنەننىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق ھۆددىگە ئېلىنغان ساياھەت ئايروپىلانىنىڭ قىش پەسىللىك قۇمۇلغا ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خېنەنلىك ساياھەتچىلەر قۇمۇلدا بەش كۈندۈز، تۆت كېچە ساياھەت قىلىپ، قۇمۇلنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق ھۆددىگە ئېلىنغان ساياھەت ئايروپىلانى بىلەن قىش پەسىلدە قۇمۇلنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن، 2- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە ئالتە قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇ چاغدا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق ئايرۇپىلاندىن پايدىلىنىپ، قىش پەسلىدە قۇمۇلدا قۇملۇقتىن ھۇزۇرلىنىپ، تيانشان تېغىنىڭ قار ـ مۇز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، مۇز چىراق، مۇز ھەيكەللەر، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرنى كۆرۈپ، ئۆزگىچە تائاملاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يىل «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق ھۆددىگە ئېلىنغان ساياھەت ئايروپىلانى بىلەن قىش پەسىلدە قۇمۇلنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتى قۇمۇل شەھىرىنىڭ 14- نۆۋەتلىك قار- مۇز بايرىمى ۋە باركۆل ناھىيىسىنىڭ قار ـ مۇز مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە ساياھەت تەسىراتى بېغىشلايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى