قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭ قار ئويما «چوشقا يىلىدىكى باياشاتچىلىق» باغراش كۆلى قار- مۇز بايرىمىدا نامايەن قىلىندى

2019-01-09 20:21:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندىن بۇيان، باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى چوڭ دەريا ئېغىزى (يەنى شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا، ھۈنەرۋەنلەر ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر، كەڭلىكى سەككىز مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان «يىڭى يىلدىكى باياشاتچىلىق» باش تېمىسىدىكى غايەت زور قار ھەيكىلىنى باغراش ناھىيىسىنىڭ 11- نۆۋەتلىك قار مۇز بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئۈلگۈرتۈپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ئىشلىمەكتە.
بۇ غايەت زور قار ھەيكەلنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى سەددىچىن سېپىلى، گۈزەل تاغ- دەريالارنىڭ رەسىملىرىدىن تەركىب تاپقان. قار ئويمىسىنىڭ سول تەرىپىدە ئالتۇن رەڭلىك چوشقىنىڭ ھەيكىلى بار، بۇ «مول- ھوسۇل شادلىقى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئوڭ تەرىپىدە «شىخەي كارىپ بېلىقى»نىڭ ھەيكىلى بولۇپ، «باياشاتچىلىق ۋە بەخت- سائادەت» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ يىلقى قار مۇز ھەيكەللەر توپى «شىخەيدىكى بەخت دەرۋازىسى»، «شىخەيدىكى مول- ھوسۇلچىلىق»، «شىخەيدىكى جۇڭگو ئارزۇسى»، «شىخەيدىكى قىزىقارلىق بايرام»، «شىخەيدىكى كۆڭۈللۈك بايرام» دىن ئىبارەت بەش رايوندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمىي 50 قار- مۇز ھەيكەل ياسالغان بولۇپ، ھەيكەللەرنىڭ ئىشلىنىشى نەپىس، جانلىق، كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك قار مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باش تېمىسى «شىخەينىڭ قار- مۇز پەسلى. باغراش كۆلىدىكى قىشلىق بېلىق تۇتۇش» بولۇپ، قار- مۇز سەنئىتى پائالىيىتى، قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، قار- مۇز تەنتەربىيە پائالىيىتى، قار- مۇز مەدەنىيىتى پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەردىن تەشكىل تاپقان، يېڭى يىل، چاغان، يۈەنشياۋ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىككى ئاي داۋاملىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى