قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى باغچىلارنىڭ مۇز تېيىلىش مەيدانلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىۋېتىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى قار- مۇز خۇشاللىقىدىن بەھرىمان قىلدى

2019-01-09 20:23:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ باغچىلارنىڭ مۇز تېيىلىش مەيدانلىرى يېقىندا ئارقا- ئارقىدىن ئاممىغا ئېچىۋېتىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە مۇز تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىغا كېلىپ قار- مۇز خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى. گەرچە سىرتنىڭ تېمپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سىلسىيە گرادۇس بولسىمۇ، بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇز تېيىلىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىنىڭ مۇز تېيىلىش مەيدانىدا، كۆپچىلىك قېلىن كىيىملەرنى كىيىپ، كانكى ئايىغى بىلەن مۇز ئۈستىدە خۇددى كېپىنەكلەردەك لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. يەنە نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ مۇز تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ، ئۇلارغا مۇز تېيىلىشنى ئۆگىتىپ، قار- مۇز خۇشاللىقىدىن بىرلىكتە بەھرىمان بولدى.
ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسى، خۇڭسەن باغچىسى، تيانشان باغچىسى قاتارلىق جايلاردىكى مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىدا مۇز يۈزىنى سىلىقلاش خىزمىتىنى تاماملاندى. بۇ، مۇز تېيىلىشنى مەشىقى قىلىش ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆپ خىل قار- مۇز پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر بىر مۇز مەيدانىدا بىردىن كەسپىي ترېنېر مۇز تېيىلىشنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە مۇز تېيىلىش ماھارىتىنى ئۆگەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان باغچىسى مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شۇلىڭ مۇخبىرغا ھەر يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن كېيىنكى يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مۇز تېيىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى