قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ناھىيەسى ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

2019-01-09 20:24:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى ناھىيەسى بۇلتۇر ئېسىل مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ناھىيە بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2017- يىلدىكىدىن %82؛ ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 950 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2017- يىلىدىكىدىن %30.1 ئاشتى.

بۇلتۇر قىشتا ئۈرۈمچى ناھىيەسى قار- مۇز ساياھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تيانشان رايونى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «چوڭ نەنسەن-- چوڭ بازار قار- مۇز ساياھەت پەسلى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە «قار مەنزىرىسى، نەنسەن تېغىدىن ھوزۇرلىنىش» باش تېمىسىدىكى 2018- ۋە 2019- يىللىق يۈرۈشلۈك قار- مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ قار- مۇز ئۆزگىچە كىچىك بازىرىغا تايىنىپ، چىراق كۆرگەزمىسى، ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك بايرىمى، قار- مۇز ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قىشقا ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى پىلان بويىچە بۇ يىل يەنە دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى ۋە پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى، ئومۇمىي خەلق ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش مۇساپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى بۇ يىل يەنە سەھرا ۋە ئاۋۇل ئارامگاھى قۇرۇلۇشى، ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر كۈنلۈك»، «ئىككى كۈنلۈك» ۋە «كۆپ كۈنلۈك ساياھەت» قاتارلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ساياھەت يادرولۇق ماركىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ھەمدە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى