قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ساياھەتكە ماسلاشتۇرۇش» ئەندىزىسى ئاقسۇنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى جانلاندۇرۇۋەتتى

2019-01-09 20:26:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئاقسۇ ۋىلايىتى «تەنتەربىيە ماسلاشتۇرۇلغان ساياھەت»، «قار- مۇز ماسلاشتۇرۇلغان ساياھەت»، «ئاۋىئاتسىيە ماسلاشتۇرۇلغان ساياھەت»قاتارلىق «ساياھەتكە ماسلاشتۇرۇش» تۈرلىرى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى بېيىتىپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ سۇسلىشىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سىرتتا ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن سوغۇق ھاۋا كۆپچىلىكنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا سىرتقا چىقىپ سەيلى- ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى «پاكلىق» مەنزىرە رايونىدا، ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئاپئاق تونغا ئورانغان قارلىق تاغ يايلاق بىلەن بىرلىشىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. 
بۇ قىشتا، «پاكلىق» مەنزىرە رايونى تەبىئىي قار ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «ھەسەن- ھۈسەن» قار تېيىلىش يولىنى ياسىدى. قار تېيىلىش چەمبىرىكى ئويناش، شياڭجياۋ كېمىسى ھەيدەش، ئالەم شارى ئويناش قاتارلىق قىزىقارلىق ئويۇنلار جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
قىش كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى قار-مۇز، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق 38 تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە تۇنجى قېتىم «تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى، ساياھەت، قار- مۇز ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغان» تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت تۈرىنى يولغا قويدى. ساياھەتچىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، تۆمۈر چوققا مۇزلۇقى، ئونسۇ چوڭ جىلغىسى، تەكلىماكان قۇملۇقى قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ، قار- مۇز ساياھىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆپ نۇقتا، كۆپ تەرەپتىن ھېس قىلالايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقسۇ شەھىرى «ساياھەت ماسلاشتۇرۇلغان تەنتەربىيە» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، «يۆلياڭپو» مەنزىرە رايونىدا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى، دالا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسى، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى