قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2019- يىللىق ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى نەنسەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2019-01-09 20:28:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2019- يىللىق ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى نەنسەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە، تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتى ئاياغلىشىپ، 2 مىڭ 500گە يېقىن ئادەم مۇسابىقىگە تىزىملاتتى.
 ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى-- ئۈرۈمچىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تەشكىللەنگەن تۇنجى قېتىملىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولۇپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، تىزىملاتقانلار 2 مىڭ 500 كىشىگە يەتتى. مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى لاۋ خەن مۇنداق دېدى: 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تۆت سائەتتىن ئارتۇق يۈگۈرگەنىدىم. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى مارافونچە يۈگۈرۈشنى كۈتىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولدى، تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا تەييارلىقنى باشلىۋەتتىم. ئىككى قېتىم ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مەشىقى ئېلىپ باردىم. بۇ قېتىمقى قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 بۇ قېتىمقى قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى «شۈەنپاۋ» يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لى مىڭ 60 نەچچە ئادەمنى باشلاپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇنداق چوڭ تىپتىكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا نۇرغۇن كىشى قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىزنىڭ يۈگۈرۈش ئۆمىكىمىزدە، بۇ قېتىملىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلار 60تىن ئاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېشى چوڭلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مارافونچە يۈگۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ جيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئىچىدە، ئەڭ چوڭ ياشتىكىلەر 72 ياشتا بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، 4، 5 ياشتىكى بالىلارمۇ مىكرو مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ-- ئومۇمىي خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇش ھەرىكىتى ۋە مارافونچە يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ بارغانسېرى قىزىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تىزىملاتقانلار ئىچىدە، باشقا جايلاردىن كەلگەن ماھىرلار 400 گە يەتتى، بىزنىڭ مۇسابىقە ماركىمىز مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۈرۈمچى قار- مۇزدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئورنى مەنزىرىسى گۈزەل نەنسەن تېغىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1 مىڭ 760 مېتىر كىلىدۇ، تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. كەسپىي زاتلار مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تېز قۇرۇيدىغان ئىسسىقلىق ساقلاش كىيىمى ۋە تىۋىتلىق كىيىم، سىرتىغا يەنە شامالدىن مۇداپىئەلىنىش چاپىنى كىيىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلىدە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە قۇلاق، بۇرۇن ۋە قولنىڭ ئۈششۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پوسما، يۈز ئاسرىغۇچ، پەلەي قاتارلىقلارنى تەييارلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى