قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇز ئۈستىدىكى توغراقلىق ۋە قۇملۇق مەنزىرىسى

2019-01-09 20:29:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەززىلىك مايلىق نانلار، مۇز ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلار، ئۇچقانداق كېتىۋاتقان چانا ۋە ۋېلىسىپىتلەر، ياڭراق مۇزىكىلار، شادلىققا چۆمگەن كىشىلەر ...... يېقىندا، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىش، مۇز ئۈستىدىكى توغراق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، قىش پەسلىدىكى قۇملۇق مەنزىرىسى بىر گەۋدە قىلىنغان قارـ مۇز ساياھىتى لوپنۇر ناھىيىسىدە باشلاندى.
لوپنۇر ناھىيىسى لوپنۇرنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «كاڭخۇي» ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بۇ قېتىمقى «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ئايلىنىش» قار- مۇز پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500 گە يېقىن ساياھەتچى لوپنۇرغا جەم بولۇپ، ئۆزگىچە مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلاندى.
پائالىيەت كۈنى، ساياھەتچىلەر شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ داشى كەنتىدىكى نان مەدەنىيىتى كوچىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى داشى كەنتىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ، «يانچۇق توم بولۇش، روھىي ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»تەك كەنت مىزانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داشى كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە تەرەققىي قىلغان تۇرمۇشى ۋە يېڭى مەنىۋى قىياپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ساياھەتچىلەر لوپنۇر توقاچلىرىنىڭ يېقىلىش جەريانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، يىراق- يېقىنغا داڭقى بار لوپنۇر نانلىرىنى تېتىپ كۆردى، نان مەدەنىيىتى كوچىسىدا قويۇلغان ئۇسۇللۇق مۇزىكىغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.
لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە، ساياھەتچىلەر چانىغا ئولتۇرۇپ، ۋېلىسىپىت مىنىپ قۇملۇق، توغراقلىق، مۇز تۇتقان كۆللەردىن تەركىب تاپقان سۇ بۇياق رەسىملىرىدىكىدەك گۈزەل مەنزىرىلەر ئارىسىغا شۇڭغىدى.... لوپنۇر مۇزېيىدا لوپنۇر رىۋايەتلىرىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت ۋە يىپەك يولى خارابىلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەلگەن ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە ئىپتىدائىي ئېكولوگىيىلىك تۇرمۇشىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.
لوپنۇر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭجيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، لوپنۇر ناھىيەسى بىر قاتار مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قىش، ئەتىياز پەسلىدە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقىغا، سودا سارايلىرى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، مېھمانخانىلارنىڭ تىجارەتنى توختىتىپ قويماسلىقىغا، قىشلىق ساياھەتنى ھەققىي جانلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى