قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىمىسار ناھىيەسى ئاممىنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ۋە نەپ ئالغۇچىلىرىغا ئايلاندۇردى

2019-01-10 10:27:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
جىمىسار ناھىيەسى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپلا قالماي، ئاممىنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ۋە نەپ ئالغۇچىلىرىغا ئايلاندۇردى.
ھازىر گەرچە قەھرىتان قىش بولسىمۇ، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى دۇڭجاۋەن كەنتىدىكى ۋاسكىتبول سارىيىنىڭ ئىچى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. ۋاسكىتبول ھەۋەسكارلىرى ھەر كۈنى بۇ يەردە ۋاسكىتبول ئويناشنى مەشىق قىلاتتى. كەنت ئاھالىسى ليۇ جياجۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قىشتا سىرتتىكى ۋاسكىتبول مەيدانىدا توڭلاپ ۋاسكىتبول ئوينىيالمايتتۇق. ھازىر ۋاسكىتبول سارىيى سېلىنغاندىن كېيىن كەنتتىكى ۋاسكىتبول ھەۋەسكارلىرىدىن سىرت، ناھىيەدىكى نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە ۋاسكىتبول ئوينىغىلى كېلىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاسكىتبول سارىيى سىرتقا پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىلىدۇ.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇڭجاۋەن كەنتى يەر ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپلا قالماي، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. كەنت ئاھالىلىرى بېيىپ، تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشتى. بۇلتۇر 6- ئايدا، دۇڭجاۋەن كەنتى 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتتى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. ۋاسكىتبول سارىيى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى، ئۇسسۇل ئۆيى، مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىقلار كەنتكە ئۆزگىچە مەدەنىيەت تۈسى ئاتا قىلدى.
ئۇسسۇل ئۆيىدە، كەنت ئاھالىسى لى ۋەنجېن قوشنىسى بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن ئۆگەنگەن ئۇسسۇلىنى مەشىق قىلماقتا ئىدى. لى ۋەنجېن مۇخبىرغا پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن كەنت ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بېيىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كۈندە بۇ يەرگە كېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، كۈنلىرىمىزنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.
ھازىر، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت مەركىزى دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، جىمىسار ناھىيەسى يەنە يېزا مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ۋە نەپ ئالغۇچىلىرىغا ئايلاندۇردى. جىمىسار ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ساياھەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن خوڭبو مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۆپچىلىكنى بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا كۆپرەك تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ، ئاساسىي مېلودىيە ئارقىلىق مەدەنىيەت بازىمىزنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارغا ۋە باش نىشانغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى