قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چيۇ فۇچياڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ گازىرچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

2019-01-10 10:46:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «فېڭجىئېر» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چيۇ فۇچياڭ يۇرتىنىڭ گازىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ گازىرچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
بورۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ جەتئارال بازىرىدا چوڭ بولغان چيۇ فۇچاڭ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدە قاقلاپ پىشۇرۇش كەسپىنى تاللىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاقلاپ پىشۇرۇلغان يىمەكلىك ماركىسى ئالتاي ۋىلايىتىدە داڭق چىقارغاندىن كېيىن، ئۇ بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ تۇرۇشنى خالىماستىن نەزەرىنى بۇرۇلتوقاي دېھقانلىرى ئومۇميۈزلۈك تېرىيدىغان ئاپتاپپەرەسكە قاراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بورۇلتوقاينىڭ ئېكولوگىيەلىك گازىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈش بىلەن بىللە، بۇرۇلتوقايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئاپتاپپەرەس تېرىشتىن قىلغان كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدىم.
گازىرچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاسان ئەمەس. ئاپتاپپەرەس تېرىش بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلاردا ئاپتاپپەرەسنىڭ تۈرى كۆپ، بازار رىقابىتى كەسكىن ئىدى. چيۇ فۇچاڭ گازىرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باشتىن باشلاپ، ئاپتاپپەرەس ئۆستۈرگۈچىلەر بىلەن زاكاز ئىمزالىدى ھەمدە دائىم ئېتىزغا بېرىپ ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتاپپەرەسنىڭ پەرۋىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ، چېچەكلىگەندە يېتەرلىك قۇياش نۇرى بولۇشى، گۈل چېڭىنى چاڭلاشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا گازىر دانىسى توق چىقىدۇ. شۇڭا، مەن دائىم ئېتىزغا بېرىپ كۆرۈپ، دېھقانلار بىلەن پاراڭلىشىمەن.
چيۇ فۇچاڭ مۇنداق دېدى: ئاپتاپپەرەسنى ئۈزۈپ ئاخىرىدا چۈرۈك، تەملىك گازىرغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ماشىنا ئارقىلىق تاللاش، سالماقنى تەڭشەش، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئايرىش قاتارلىق 10 ئىش تەرتىپى ئارقىلىق لاياقەتلىك گازىر پىششىقلاپ ئىشلىگىلى بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك گازىرىنى تېخىمۇ يىراققا چىقىرىشنى ئويلايمىز.
چيۇ فۇچاڭنىڭ شىركىتى ھازىر ھەر يىلى پىششىقلاپ ئىشلىگەن گازىرنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ گازىرچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. چيۇ فۇچاڭ مۇنداق دېدى: تىرىشچانلىقنىڭ چېكى بولمايدۇ. گازىر ياخشىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ، خېرىدارنىڭ دېگىنى ھىساب. كېيىنكى قەدەمدە گازىر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمەن.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى