قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى

2019-01-11 10:43:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش دەرىجە ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى.
 مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يۈەنخۇسۈن بازىرىدىكى ئاھالە ۋاڭ جيەنشېڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ جەم بولۇش تامىقىغا داخىل بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. ۋاڭ جيەنشېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر ئايدا دادام ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالسىلا قوي گۆشى، كۆكتات، مېۋە- چېۋە ئېلىپ، بىزنى چاقىرىپ كىچىك زىياپەت بېرىدۇ. ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ يىلسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاتا- ئانامنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. دادام 2011- يىلى 60 ياشقا كىرگەن، شۇ چاغدا ئۇ بىر يىلدا 600 يۈەندىن كۆپرەك ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالاتتى، 2018- يىلى 1 مىڭ 800 يۈەن ئالدى، ھازىر بۇ سىياسەت بەك ياخشى.
2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى تەڭشەپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى 115 يۈەندىن 140 يۈەنگە ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورناتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېزا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن باۋپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 70 ياشتىن ئاشقان ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ھەق تاپشۇرمىسىمۇ، تەمىنات پۇلىنى بىۋاستە ئالالايدۇ، شەخسىي ھېساباتى بولمىغاچقا، تەمىنات سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ، 70 ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقانلارنىڭ 5 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق، 80 ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقانلارنىڭ 10 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى 15 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ھەر يىلى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىغا قوشۇپ بېرىلىدىغان پۇل 2 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ.
 بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورناتتى. ئاپتونوم رايون شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ ۋە تەڭشەپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تاللىشىغا سۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يۇقىرىراق دەرىجىدە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىغانلارغا ھەق تاپشۇرۇش ياردەم پۇلىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى يۇقىرى دەرىجىدە ھەق تاپشۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، مىڭ يۈەندىن يۇقىرى دەرىجە ئۆلچىمى بويىچە ھەق تاپشۇرىدىغان ئاھالىلەرگە ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى بويىچە ھەر بىر كىشىگە ھەر يىلى 25 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە تولۇقلىما ياردەم بەردى. ئاقسۇ شەھىرىدىكى بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ئامانگۈل مەمەت بىر مېۋە- چىۋە دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان سودىسى ياخشى بولغاچقا، ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 1 مىڭ 300 يۈەنلىك ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللىدىم، خىزمەتچى خادىملار مۇنداق بولغاندا ماڭا بىر يىلدا نەچچە يۈز يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقى، ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇنداق بولغاندا مەن ياشانغاندا كۆپرەك كىرىم كاپالىتىگە ئىگە بولىدىكەنمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇردۇن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك سۇپا قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت، مەھەللىدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش، تەمىنات پۇلىنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، 2009- يىلى يېزىلاردىكى يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى نوقتىدا سىناق قىلىنغاندىن تارتىپ بىرلىككە كەلگەن شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 6 مىليون 559 مىڭ 200 ئادەمگە، ئۇنىڭ ئىچىدە تەمىناتتىن بولغانلار 1 مىليون 137 مىڭ 600 ئادەمگە، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن تەمىنات پۇلى 163 يۈەنگە يەتكەن. شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رول ئوينىغان.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى