قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

موۋ گوسەينىڭ باشلامچىلىقىدا كەنتتىكى 10 نەچچە ئائىلىلىك كالا بېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

2019-01-11 10:55:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئايدىڭكۆل بازىرى يەمشى كەنتىدىكى دېھقان موۋ گوسەي 80 مىڭ يۈەنلىك ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىدىن پايدىلىنىپ، 15 كالا سېتىۋېلىپ، ھويلا- ئارام باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. بەش يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ھازىر ئۇ يىللىق كىرىمى 400 نەچچە مىڭ يۈەنلىك كالا باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىسىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا كەنتتىكى 10 نەچچە ئائىلىلىك كالا بېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
مۇخبىر موۋ گوسەينىڭ كالا فېرمىسىغا كەلگەندە، ئايالى ئىككىسى سامان يانجىۋاتقان ئىدى. موۋ گوسەي مۇخبىرغا، بۇ يىل كۆپرەك كالا بېقىش ئۈچۈن، نەچچە كۈندىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئارام ئالماي ئىشلەپ يەم- خەشەك تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، كالا باقمىچىلىقىمۇ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، بۇلتۇر ئازراق پۇل تاپتىم، بۇ يىل باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 500 نەچچە تۇياق كالا باقتىم، ياخشى باھادا سېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
موۋ گوسەينىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بولۇپ، ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى. ئىلگىرى ئائىلىسنىڭ تۇرمۇش مەنبەسى ئاساسەن 7 مو يەردىكى كۆكتاتلىقتىن كېلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. 2013- يىلىنىڭ بېشىدا، كەنت ئۇنىڭغا 80 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز ئىلتىماس قىلىپ بەردى. موۋ گوسەي بۇ قەرزدىن پايدىلىنىپ 15 كالا سېتىۋېلىپ، ھويلا- ئارام باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. بىر قانچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، موۋ گوسەي قەرزنى قايتۇرۇپ بولدى، تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. كېيىن موۋ گوسەي دېھقانلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كالا باقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت نۇرغۇن سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتىم. بىر ئائىلە بېيىسا باي ھىسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك تەڭ بېيىسا ئاندىن ھەقىقىي بېيىغان بولىدۇ، پەقەت نامرات ئائىلىلەر بىلەن كەنت ئاھالىلىرى كالا بېقىشنى خالىسا، مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي تېخنىكىسىنى كۆپچىلىككە ئۆگىتىمەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە بېيىساق ياخشى.
موۋ گوسەي كالا بېقىش جەريانىدا، نامرات ئائىلىلەرگە كالا بېقىش تېخنىكىسىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئۆگەتتى ھەمدە موزايلارنى ئۇلارنىڭ بېقىشىغا نېسىگە بەردى. موۋ گوسەينىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ ھىسامىدىن بۇلتۇر كالا بېقىشقا تايىنىپ 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. يۈسۈپ ھېسامىدىن مۇنداق دېدى: مەن ئىنىم موۋ گوسەيدىن كالا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۈگەندىم، تېخنىكام ئۆستى، كىرىمىممۇ ئاشتى.
ھازىرغىچە، كەنتتىكى 10 نەچچە ئائىلىلىك موۋ گوسەيگە ئەگىشىپ كالا بېقىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇ، موۋ گوسەينىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشكە يېتەكلەش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن كالا باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى