قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتتى

2019-01-11 10:59:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى تۆۋەن يەتتەباش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، شۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس توشقان زەدىكى ئۆستۈرۈش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتتى.
تۆۋەن يەتتەباش كەنتىدىكى توشقان زەدىكى ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئايجامال ئوبۇل كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئوخشىمىغان سورتتىكى توشقان زەدىكىنى تاللاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، كېيىن ئۇلار يەنە توشقان زەدىكىنى تازىلاپ پارچىلاپ، قۇرۇتۇپ ئوراپ قاچىلىدى. يېقىنقى بىر قانچە ئايدا، ئايجامال ئوبۇل تىرىشىپ ئىشلەپ، كوپىراتىپتىكى ئۇستا ئىشچىغا، ئائىلە ئايالىدىن كەسپى ئىشچىغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن ئۆيدە بالامغا قارايتتىم، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، بۇ كوپىراتىپقا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، توشقان زەدىكىنى پارچىلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئايدا 2 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئېلىۋاتىمەن، ھازىر تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد باغلىدىم.
كىرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى تۆۋەن يەتتەباش كەنتىدە 448 ئائىلىلىك دېھقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 304 ئى بار ئىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، پۇقراۋى كارخانىچىلار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىكتە 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىشقا ماسلاشتۇرۇپ، كەنتتە توشقان زەدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كىرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى تۆۋەن يەتتەباش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تاڭ شياۋيۈ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنى يېتەكلەش ۋە قوللاش ئارقىلىق، ھازىر دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ شۇ جايدىكى 120 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھەر ئايدا ھەر بىر ئادەم ئاساسىي جەھەتتىن 2 مىڭ يۈەندىن 4 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتتۇق.
توشقان زەدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 15 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدە ئۆلچەملەشكەن پىششىقلاپ ئىشلەش سېخى بولۇپ، ھەر يىلى 12 مىڭ توننا يۇلغۇن توشقان زەدىكى، 3 مىڭ توننا سۆكسۆك توشقان زەدىكىنى پىششىقلاپ ئىشلەيتتى. كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى جاڭ سۇڭيىن مۇنداق دېدى: بىز ھازىرغا قەدەر 800 توننىغا يېقىن توشقان زەدىكى يىغىۋالدۇق، ھەر كۈنى ئاز بولغاندا 30 توننىدىن 50 توننىغىچە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 توننىدىن 70 توننىغىچە توشقان زەدىكى يىغدۇق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى دورا كارخانىلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، توشقان زەدىكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. تاڭ شياۋيۈ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە خىزمەت ئەترىتىمىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ھەمراھ زاۋۇتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى