قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېيىش يولىدىكى‹باشلامچى›

2019-01-11 11:04:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سەمەت ئۆرۈكى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «مۇز تاغ مەرۋايىتى» دېگەن گۈزەل نامى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى «يىنوڭ» مىۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر ھەسەن سەمەت ئۆرۈكىنى ئاساسىي كەسىپ قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، يۇرتداشلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.
زىمىستان قىشتا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىدىكى ئەنۋەر ھەسەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار سەمەت ئۈرۈكلىرىنى ئىلغاپ، ئوراپ قاچىلاۋاتقان ئىدى. شىركەت خادىمى ھاۋاگۈل ئابلەت مۇنداق دېدى: بۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەۋاتقىنىمغا سەككىز ئايدىن ئاشتى، ئايدا 2 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن. تۇرمۇشۇم بارغانسىرى ياخشىلاندى.
1986- يىلى، ئەنۋەر ھەسەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە بېرىپ مىۋىچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. 1987- يىلى، يېڭىسار ناھىيەسىدە «كۈسەن دەرياسى» مېۋىچىلىك زاۋۇتى قۇرۇلدى، ئەنۋەر ھەسەن مېۋىچىلىك زاۋۇتىغا كېلىپ مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا، سېتىش جەھەتتە بەك قىينىلاتتۇق، بىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ خوتەن، ئاقسۇ، كورلىغا ئاندىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ مىۋىلەرنى ھارۋىغا قاچىلاپ ئىتتىرىپ يۈرۈپ ياكى بىر يەرگە قويۇپ تۇرۇپ ساتاتتۇق. دۇكانمۇ-دۇكان ئارىلاپ يۈرۈپ باشقىلارغا تېتىتىپ تۇرۇپ ساتاتتۇق.
ئەنۋەر ھەسەن مانا مۇشۇنداق دۇكانمۇ- دۇكان ئارىلاپ سېتىش ئارقىلىق سەمەت ئۆرۈكىنىڭ بازىرىنى ئاچتى. ئۆزىمۇ تەدرىجىي تېخنىك، باشقۇرغۇچىدىن مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقىغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: 1993-،1994- يىللىرى سودىگەرلەر زاۋۇتىمىزغا مال ئالغىلى كېلىدىغان بولدى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ ئاستا- ئاستا بازىرىمىز ئېچىلدى.
ئەنۋەر ھەسەن سەمەت ئۆرۈكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ئارقىلىق كۈنسىرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى ھەمدە ئۇنىڭدا يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىش ئىستىكى پەيدا بولدى. 2015- يىلى، ئەنۋەر ھەسەن 2 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، قەشقەر «كۆسەن دەرياسى» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازار ۋە ئېكسپورت كەسپىنى كېڭەيتتى. 2018- يىلى، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى 150 مىڭ مو سەمەت ئۆرۈكىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. ئەنۋەر ھەسەن شۇ جاينىڭ «سەمەت ئۆرۈكى» ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى زورايتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ، 50 مۇقىم ئىش ئورنى، 200 قىسقا مۇددەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 30 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنۋەر ھەسەن باشچىلىقىدا يېڭىسار ناھىيەسىدە «يىنوڭ» مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، ئەنۋەر ھەسەن كۆپچىلىكنى سەمەت ئۆرۈكىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.   ئەنۋەر ھەسەن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازار ۋە چەت ئەل بازارلىرىغا سېتىلىۋاتىدۇ، شۇڭا چۇقۇم مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، يېڭىسار سەمەت ئۆرۈكىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى