قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 دىلبەرلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2019-01-11 11:05:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1-ئاينىڭ 11-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، ئاقسۇ گېزىتخانىسى تەرجىمە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گۈلباھار مەمەت؛ مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى مۇھىت كۆزىتىش مەركىزىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى دىلبەرلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
گۈلباھار مەمەتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرىمەن. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشتىكى بوشاشماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەسسىلەپ تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمەن. پارتىيە گېزىتى تەرجىمانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، مېڭەمنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات، تەشۋىقات، جامائەت پىكرى بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.
دىلبەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېدى: مەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە باشلامچىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن. توغرا سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئىناق، مۇقىم ۋەزىيەتنى قوغدايمەن. دۆلەت كارخانىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرغۇچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى