قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن خوتەن يېڭى كەچلىك بازىرى رەسمىي ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

2019-01-11 11:07:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن خوتەن يېڭى كەچلىك بازىرى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى رەسمىي ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.
خوتەننىڭ يېڭى كەچلىك بازىرىغا كىرگەندە، مەركىزى رايوندىكى 360 گىرادۇسلۇق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سەھنىدە، ئېسىل ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنىڭ نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەنلىكىنى ھىس قىلغىلى بولاتتى. 9 مىڭ 600 كۋادرات مېتىرلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن خوتەن يېڭى كەچلىك بازىرىدا، 194 يېمەك-ئېچمەك يايما ئورنى ۋە 25 ئالاھىدە يېمەك- ئېچمەك دۇكىنى تەسىس قىلىندى. بۇ يەردە قېتىق تاڭزۇڭزا، تۇخۇم كاۋىپى، ماتاڭ قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يىمەكلىكلىرى بولغاندىن باشقا، يەنە تاۋا كاكچىسى، غەلىتە پۇراقلىق دۇفۇ، ياڭيۇ ۋەنزە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى كاۋىپى قاتارلىق شەندۇڭ، خۇنەن، شەنشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئالاھىدە يىمەكلىكلىرىمۇ بار ئىدى. شىئەندىن كەلگەن ساياھەتچى جى خۇڭمېي مۇنداق دېدى: كەچلىك بازار بىزگە شۇنچە يېقىشلىق تۇيغۇ بەردى. بىزگە جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى بىللە ياشاۋاتقان چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
قىزغىن كەيپىيات، مەززىلىك تائاملار نۇرغۇن ساياھەتچىنى خوتەننىڭ يېڭى كەچلىك بازىرىغا كېلىشكە جەلپ قىلدى. تىجارەت باشلاپ ئىككى سائەت ئىچىدە، ساياھەتچىلەر 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. «دىلرۇس» ئالاھىدە جۇۋاۋا دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى قاھار ياسىن مۇنداق دېدى: سودىنىڭ بۇنداق ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئالدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر بىردەمدىلا سېتىلىپ تۈگىدى. مىڭ دانە جۇۋاۋا تەييارلىغانىدۇق، ھەممىسىنى سېتىپ بولدۇق. بىز بىر نەچچە تارماق دۇكاندىكى خادىملىرىمىز بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەرگە يۆتكىدۇق. لېكىن، يەنىلا يېتىشمەي قالدى. ھازىر جەمئىيىتىمىز تىنچ، ھەر مىللەت خەلقى ئىناق- ئىتتىپاق ياشاۋاتىدۇ. شۇڭا، سودىمىز تېخىمۇ روناق تاپتى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان خوتەن يېڭى كەچلىك بازىرىدا، مېززىلىك تائامدىن ئىبارەت نام كارتىسى بولغاندىن سىرت، مېھمانساراي، چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش ئورنى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېي مۇنداق دېدى: خوتەندە قاشتېشى بولۇپلا قالماي، خوتەننىڭ مېززىلىك تائاملىرىمۇ پۈتۈن جۇڭگوغا داڭلىق. بىزنىڭ بۇ كەچلىك بازاردا خوتەننىڭ ئۆزگىچە تائاملىرى بولغاندىن سىرت، غەربىي شىمال رايونى ھەتتا پۈتۈن مەملىكىتىمىزنىڭ يېمەك-ئېچمەك مەدەنىيىتىمۇ نامايان قىلىنغان. ئىشىنىمەنكى، ساياھەتچىلەر خوتەنگە كەلسە مەززىلىك تائاملىرىمىز ئۇلارنى جەلپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالىدۇ. 2019- يىلى، خوتەننىڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلىدىغان بىر يىل بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى