قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پامىر ئېگىزلىكىدىكى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى

2019-01-11 17:42:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې

【بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر】

          ئىلاۋە


  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىر ھەرىكەتچان جۇڭگو گۈللىنىش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە تولدى. بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.» ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى شىنجاڭدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقتا، سان- ساناقسىز ئاددىي ئەمگەكچى تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ تەسىرلىك كارتىنىسىنى ئورتاق پۈتمەكتە. گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر» ئىستونىنى ئېچىپ، سىزنى يېقىملىق، قەدىرلىك، سۆيۈملۈك ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.

  1- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئەمدىلا ئەشيا ئوبوروتى پونكىت نۇقتىسى تەربىيەسىگە قاتنىشىپ بولغان لى يۆ ھايالشىمايلا قەشقەر شەھىرىدىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە قايتتى. ناھىيەدىكى جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش پونكىتىدىكى بىردىنبىر خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ پونكىت باشلىقى بولغاندىن باشقا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مال رەتلىگۈچى، مال يەتكۈزگۈچى ۋە لىنىيە ئۇلىغۇچى بولدى. «كېچىكتۈرۈشكە پېتىنالمايمەن، پوسۇلكا ساقلىغاندىكى ھېسسىياتنى سىز چۈشىنىسىز» دېدى لى يۆ قىزىقچىلىق قىلىپ.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىردىن ئاشىدۇ، بەزى يەر بۆلەكلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدۇ. قەشقەر شەھىرىدىن بۇ يەرگىچە بولغان ئارىلىق ئاران 300 كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن تاغ ئايلانما يولى، جىلغا يولى كۆپ بولغاچقا، ئاپتوموبىل بىلەن سەككىز سائەتتىن ئون سائەتكىچە يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  لى يۆ تۇرۇشلۇق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش پونكىتى ناھىيە بازىرى مەركىزىدىكى تاشقورغان يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 2018- يىلى 9- ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ھەر ئايدىكى زاكاز مىقدارى 500دىن ئاشتى، چوڭى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇدىن، كىچىكى كىيىم- كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرىغىچە، شۇ جايدىكى ئامما توردىن سېتىۋالغان بۇيۇملارنى ئەڭ تېز بولغاندا ئۈچ كۈندە تاپشۇرۇۋالالايدۇ.

  «ھازىرقى كەسىپ مىقدارىغا قارىغاندا، يەنە بىر قانچە تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچى قوبۇل قىلىشقا شارائىت تامامەن يار بېرىدۇ. تەقسىملەپ يەتكۈزۈش نۇقتىسىنىڭ خىزمىتى بىر قەدەر زېرىكىشلىك، مەن ئىزچىل سەۋرچان، مەسئۇلىيەتچان، بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشى ئىزدەۋاتىمەن» دېدى لى يۆ.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018- يىلىنى ئەسلىگىنىدە، «بىر كىشىلىك پونكىتنىڭ باشلىقى» لى يۆنىڭ قەلبى ئىپتىخارلىق ۋە شادلىققا تولىدۇ، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى تۆت ئايدا، ئۇ 3000دىن ئارتۇق مالنى يەتكۈزدى.

  يېقىنقى بىر ئايدا، لى يۆ شۇ جايدىكى كىشىلەر سېتىۋالغان بۇيۇملارنىڭ تەدرىجىي كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كىيىم- كېچەك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن ھاراق- شاراب، ئۇششاق يېمەكلىك، قەنت- گېزەك تۈرىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدى. «بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ ئوخشاشلا ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بۇ تېز يوللانما يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەدرىجىي ئىشەنچكە ئېرىشىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ».

  ئاھالە ئاققۇ گەنجىن يېقىندىلا جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزگەن ئون كىلوگىرام قۇرۇق مېۋىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، بۇ نەرسىلەرنى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ياكى كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىپ قەشقەردىن سېتىۋالاتتىم. ھازىر جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش پونكىتى بار، توردىن سېتىۋالسام تېخىمۇ قولايلىقكەن.»

  2018- يىلى 3- ئايدا تاشقورغانغا كەلگەن لى يۆ بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىشىپ كەتتى.

  دەسلەپتە ئېگىزلىك رېئاكسىيەسىنى باشتىن كەچۈردى، «بىر كىشىلىك پونكىت نۇقتىسى»نىڭ خىزمەت مىقدارىغا ماسلاشتى، لى يۆ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ خىزمەت ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆسۈپ يېتىلىشنى ھېس قىلدى. «بەزىدە ھەقىقەتەن ئىنتايىن جاپالىق، كۈنبويى ئالدىراشچىلىقتا بىر يۇتۇم سۇمۇ ئىچەلمەيمەن. بىراق كۆپىنچە ۋاقىتتا ناھايىتى خۇشال بولىمەن، خېرىدارلارنىڭ پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالغان چاغدىكى ئاشۇ خۇشاللىقىنى كۆرسەم، مەنمۇ ئوخشاشلا خۇش بولىمەن. بىزنىڭ بۇ جايدا پونكىت نۇقتىسى قۇرۇشىمىزمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەسمۇ!»

  بۇلتۇر، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش پونكىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى تاشقورغان يولى كېڭەيتىپ ياسالدى. چوڭ يولدا، ئاپئاق قارلىق تاغ قاپتىلىدىكى كەڭ، رەتلىك كوچا مەنزىرىسىنى بىر قارىسىلا كۆرگىلى بولىدۇ. لى يۆ مۇنداق دېدى: تەقسىملەپ يەتكۈزگەندە، يول بويىدىكى مەنزىرىلەر ئىنتايىن گۈزەل، ھەر كۈنلۈك مال يەتكۈزۈش خىزمىتىم قىسقا ساياھەتكە ئوخشايدۇ.

  «تېخىمۇ مۇھىمى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تېخىمۇ كۆپ كىشى توردىن مال سېتىۋېلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى. مېنىڭ خىزمىتىم كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنىڭ بىر خىل بەخت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شەخسنىڭ قىممىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى لى يۆ.

  2019- يىلى، لى يۆنىڭ نۇرغۇن ئوي- خىيالى بار، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش تۈرىنى يولغا قويىدۇ، بۇ، شۆجۈ، ماكا قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆپ چىقىدىغان تاشقورغان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە سىرتقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «قەشقەردىن قايتىش يولىدا، مەن دۆلەت يولى 314- لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىنى كۆردۈم، ئىككى ئاپتوموبىل يولى تۆت ئاپتوموبىل يولىغا كېڭەيتىلىدىكەن، يەنە سۈرئەت ئاشۇرۇلىدىكەن، بۇ بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا يەنە بىر خۇش خەۋەر.»

        مۇھەررىرنىڭ باھاسى

  «بىر كىشىلىك پونكىت نۇقتىسى» پامىر ئېگىزلىكىدە قۇرۇلۇپ، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى ئېگىزلىكتىكى كىشىلەرگە يەتكۈزۈلدى، ياش لى يۆ تاشقورغاندا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى ئۈچۈن يېڭى ئېگىزلىك بەلگىلىدى. ئېگىز ھەم سوغۇق جايدا، بىر كىشىلىك پونكىت نۇقتىسىدا جەزمەن جاپا- مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق ھەمراھ بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تاشقورغانغا بولغان ئەھمىيىتى بارلىق بەدەلنى باشقىچە قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ، لى يۆمۇ بۇ ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرىدە ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى بەختكە ئېرىشىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى