قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزگىچە كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

2019-01-12 17:17:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يېتەكچى، يېزا- كەنت بايلىقى ۋە كەسىپ ئاساسى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تايانچ قىلىپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزگىچە كەسپلەرنى بەرپا قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
  ئىككى كۈندىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى دېھقان رېن جۈن ئۆزىنىڭ 2018- يىلدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى توغرىسىدا ئىقتىسادىي ھېسابات قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا ئەلا سورتلۇق بۇغداي تېرىپ، كىرىمىنىڭ %30 ئاشقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ئادەتتىكى بۇغداي تېرىسام، بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى قوشقاندا، بىر مو يەردىن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلاتتىم. ھازىر ئەلا سورتلۇق بۇغداي تېرىپ ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىم 300 يۈەن ئاشتى.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، گۇچۇڭنى ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون قىلىپ، «يېشىل بازىدا ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن داڭلىق ماركا يارىتىش» تەك كەسىپ قىممەت زەنجىرىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بازىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى «خۇامەي شىنلياڭ» ئۇنچىلىق شىركىتى ئىشلەپچىقارغان داڭلىق ماركىدىكى «گۇچۇڭ ئۇنى» مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۇن تۈرىدىكى مەھسۇلات ئۈلگە نۇسخىسى قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلدى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالىي دەرىجىلىك ئۇن، ئىچىملىك، چاي قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپتى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ كەي مۇنداق دېدى: ئالىي دەرىجىلىك ئۇن مەھسۇلاتىمىزنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ جىڭدۇڭ تورىدىكى سېتىلىش باھاسى 28 يۈەن بولدى. بىز يەنە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بۇغداي چېيى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ، كارخانىنىڭ پايدىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ ئەلا سورتلۇق بۇغداي تېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرىمىز. 
  سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كەسىپنىڭ روناق تېپىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2018- يىلى «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق، گۆش كالىسى ۋە گۆش قويى باقمىچىلىقى، سۈتچىلىك كەسپى، پاختىچىلىق كەسپى، ئاشلىق- ياغ كەسپى، باغۋەنچىلىك كەسپى، ئالاھىدە كەسىپ قاتارلىق يەتتە چوڭ كەسىپنى گەۋدىلىك يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس، قۇتۇبىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلا سۈپەتلىك پاختا فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، پاختا توقۇمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە كىيىم- كېچەك ئىشلەش جەريانىنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پاختا بازىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش بازىسىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. پاختا يىپ تولۇقلىمىسى، توك باھاسى تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە باج، يەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەشكە تايىنىپ، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھازىر «بىر باغچا، تۆت رايون» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندى. 80 گە يېقىن كارخانا جەلپ قىلىنىپ، يىپ ئېگىرىش كۆلىمى 3 مىليون ئۇرچۇققا يېتىپ، ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى ئىشقا ئورۇنلاشتى. قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «يۈخۇا» توقۇمىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ماشىنىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئىشچىلار يىپ ئېگىرىش، يىپ ئۇلاش، سىلىندىر چۈشۈرۈش، تەييار بولغان مەھسۇلاتلارنى ئوراش- قاچىلاش قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇ ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىن كەلگەن ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ئىدى. ۋۇگۇڭتەي بازىرى شىخۇسۈن كەنتىدىكى بەي يۈلىڭ مۇنداق دېدى: بۇ كارخانىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ناھايىتى خۇش بولدۇم. ئىشلەش مۇھىتىمىز ناھايىتى ياخشى، ئانچە چارچاپ كەتمىدىم. ھەر ئايدا 4 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئالىمەن، بىر يىلدا 50، 60 مىڭ يۈەن پۇل تاپالايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، داۋاملىق ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتىمەن.
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا 100 كارخانا، داڭلىق، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش ئىتتىپاقى، تيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى ئىتتىپاقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق مۇلازىمىتى ئىتتىپاقى، كۆچەت ۋە گۈل- گىياھ كەسپى ئىتتىپاقى ۋە بۇغداي پىششىقلاش كەسپى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بەش چوڭ كەسىپ ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چياڭخۇا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەش چوڭ كەسىپ ئىتتىپاقىغا ئەزا ئورۇننىڭ سانى جەمئىي 175 كە يەتتى، بۇ 5 چوڭ ئىتتىپاق نورمال ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يىللىق سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىمىز بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ غەربىدىكى زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يېتىشتۈرۈش، يىغىش- تارقىتىش بازىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، «غەربىي رايوندىكى ئۇرۇقچىلىق ماكانى» نى بەرپا قىلىدۇ. فۇكاڭ-ماناس «100 چاقىرىملىق ھاراق ئېچىتىش كارىدورى» نى قۇرۇپ، شىنجاڭ، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆچەت ۋە گۈل- گىياھ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەۋزەللىككە ئىگە يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇلۇشى، تېرىقچىلىق بازىسى، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۇن، ئاشلىق ۋە ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش، تەمىنلەش بازىسىغا تايىنىپ، بايلىق، رايون ۋە قاتناش ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىمىز. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى