قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شيې خۈەيرۈي فوتو سۈرەت سەنئىتى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى خاتىرىلىدى

2019-01-12 18:52:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭلىق فوتوگراف شيې خۈەيرۈي كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىلدىن بۇيان، فوتو سۈرەت سەنئىتى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى خاتىرىلىدى. ئۇنىڭ ئەسىرىمۇ خەلقارادا كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇخبىر شيې خۈەيرۈي بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىن قايتىپ كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغانىدى. 2018- يىلى 11- ئايدا، يېڭى زېلاندىيەنىڭ خانىش بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 6- نۆۋەتلىك جۇڭخۇا سەنئىتى «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، شيې خۈەيرۈي ئۆمۈرلۈك فوتو سۈرەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شيې خۈەيرۈي ئۆزىنىڭ فوتو سۈرەت ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە، كىچىك ۋاقتىدا ئۆيىنىڭ يېنىدا بىر سۈرەتخانا بارلىقى، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇستامنىڭ سۈرەتكە تارتىپ، رەسىم يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياغاچ ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، بەكمۇ ھەيران بولاتتىم. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن يەنى 17 ياشقا كىرگەن ۋاقتىم بولسا كېرەك، ئۇ چاغدا ئايلىق مائاشىم ئاران 32 يۈەن ئىدى. شاڭخەي ماركىلىق فوتو ئاپپاراتىنىڭ باھاسى 58 يۈەن بولۇپ، ئۆيدىكىلەردىن بىر ئاز پۇل ئۆتنە ئېلىپ يۈرۈپ، ئاپپاراتتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم.
1978- يىلى، شيې خۈەيرۈي خىمىيە سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ سۇۋالغۇ تەبىئىي قۇرۇتۇش پونكىتىنىڭ شىنجاڭ پونكىتىغا خىزمەتكە چۈشتى. تۈرلۈك خىمىيە سانائىتى سۇۋالغۇلىرىنىڭ ئالاھىدە شارائىتتىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى بىۋاسىتە خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۆزى پىليونكا سېتىۋېلىپ سۈرەتكە تارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتىنى بىۋاسىتە، ئىشەنچلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. شيې خۈەيرۈي مۇنداق دېدى: مەن ئۆزەم فوتو ئاپپاراتنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك ئاپپاراتنى ئىشلىتىپ، ھەر بىر باسقۇچنى سۈرەتكە تارتتىم. ھەر قېتىملىق باھالاش ۋاقتىدا ئۇلار سانلىق مەلۇماتلارنى ئالىدىغان چاغدا، مەن بىر قاتار سۈرەتلەرنى كۆرسەتسەم، ھەممە جەريان ئېنىق ئىپادىلىنەتتى. رەھبەرلەر بۇنى كۆرۈپ، مېنى ماختاپ كېتىشتى.
كېيىن، خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شيې خۈەيرۈي شىنجاڭ پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۈرەتلىرى ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ، فوتو سۈرەت ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى پەن- تېخنىكا خادىملىرىنى تۇنۇشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى سۈرەتلەرنى تارتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى سۈرەتكە قاراپلا چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا تىرىشتۇق. بۇنىڭدا بەكمۇ جانلىق بولاتتى.
كاماندىروپكىغا چىققان مەزگىللىرىدە، شيې خۈەيرۈي تەبىئىي مەنزىرە، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ- ئادەتلەردىن خاتىرە سۈرەتلەرنى تارتتى. توغراق، ئاق قېيىن، چۆللۈك، قۇملۇق، قارلىق تاغ، مۇزلۇقلار ۋە يايلاقلار... شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تال گىياسى، ھەر بىر تال تېشىمۇ ئۇنىڭ خاتىرە قالدۇرۇش ئوبيېكتى بولدى. 1997- يىلى شيې خۈەيرۈينىڭ «يىپەك يولى مېھرى» ناملىق چاتما فوتو سۈرەت ئەسىرى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىتاب ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى؛ «قىشتىكى تاغلىق كەنت» دېگەن يەنە بىر ئەسىرى جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات يۇرتى ۋە «جۇڭگو فوتوگرافلىرى» ژۇرنىلى بىرلىشىپ باھالاپ چىققان «جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم پوچتا ئاتكرىتكىسى، كالېندار ۋە ئاسما كالېندارلارغا بېسىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى سۇ بوياق، ماي بوياق رەسىملەر، شىنجاڭنىڭ ئاسما گىلەم، كەشتە قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈردى. شيې خۈەيرۈي مۇنداق دېدى: يېشىم 70 تىن ئاشقان بولسىمۇ، سۈرەتكە تارتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نامايەن قىلىمەن. يېقىندا يېڭى زېلاندىيەگە بېرىپ ھېچ ئىككىلەنمەيلا 12 مىڭ يۈەنگە فوتو ئاپپارات سېتىۋالدىم. مېنىڭچە سۈرەتلەرنى تولۇق تارتىپ بولالمىدىم. سالامەتلىكىممۇ خېلى ياخشى. شىنجاڭ ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرەلىسەم، بۇنىڭدىن بەك خۇش بولىمەن. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى