قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر مىللەت ئاممىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى

2019-01-13 10:31:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئالاقە تورى بىلەن مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈش، كۆزنەك مۇلازىمىتىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى كازىۋەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ 1- نومۇرلۇق ئۇنىۋېرسال كەسىپ بىجىرىش مۇلازىمەت زالىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى يېڭىدىن «ئىش ئورنىغا چىققان» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «شىياۋ ئەي» نىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1 يېرىم مېتىر كېلىدىغان ماشىنا ئادەم «شىياۋ ئەي» شەھەر ئاھالىلىرىنى كەسىپلەردىن مەسلىھەت بېرىش، يول باشلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. شەھەر ئاھالىسى ما چۇڭخۇ مۇنداق دېدى: بۇ بەك ياخشى بولدى، بەك قولايلىق ئىكەن. زالغا كىرىپلا كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىككى قېتىم مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بىلىۋالىدىكەنسىز. ھازىر ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى ئىشلار ئاپتوماتىكلىشىپ كېتىپتۇ. يەنە بۇ ماشىنا ئادەم ئىش بېجىرگۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپتۇ.
ماشىنا ئادەم «شياۋ ئەي» نىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشى ئۈرۈمچى شەھىرى كازىۋەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كەسىپ بېجىرىشتە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەدبىرى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېرپان تاشقىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە كازىۋەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئالتە يىل تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئاپتوماتىك بىجىرىش ئاپپاراتى، قائىدە- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش ئاپپاراتى، ئاپتوماتىك فوتو ئاپپارات قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئىش بېجىرىدىغان ئامما ئۈچۈن يېشىل مۇلازىمەت زالى بەرپا قىلدى. ئورنىمىز يەنە پىراۋىنى تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئېلىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نومۇر تاختىسىنى تولۇقلاپ ئېلىش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئاپتوماتىك بېجىرىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە بىز يەنە نۇرغۇن كەسىپنى ئاپتۇماتىك مۇلازىمەت ئاپپاراتىدا بېجىرىمىز. ئاخىرقى مەقسىتىمىز-- يۇقىرى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل، پىراۋىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.
 ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىش بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆپەيتىشنى كەچۈرۈم قىلىش، جەدۋەل تولدۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش، ئاپتوموبىل پەرقلەندۈرۈش نومۇرىنى ھەقسىز كۆپەيتىپ بېسىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەسىپ بېجىرگۈچىلەرنىڭ جەمئىي 3 مىليون 300 مىڭ پارچە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى كەچۈرۈم قىلدى ھەمدە مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە 78 پوچتا مۇلازىمەت تور نۇقتىسى، 75 سۇغۇرتا مۇلازىمەت تور نۇقتىسى ۋە 262 ئاپتوموبىل سېتىش 4S دۇكىنى قاتارلىق كارخانىلاردا قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش كۆزنىكى تەسىس قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، فۇكاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شۇ جايدىكى سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان ئىككى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇلازىمەت تور نۇقتىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. فۇكاڭ شەھىرى ئاھالىسى ياڭ دۇڭخۇڭ سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئارىلىقىدا قاتنىماي تۇرۇپلا ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كەسىپنى ئادەتتە بىر نەچچە كۈندە بېجىرەتتۇق، بۈگۈن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىپ بولدۇم. ھازىر پەن- تېخنىكا، تور دەۋرى. ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئۈچۈن ئىشلەۋاتقىنىنى بۈگۈن ھەقىقى ھىس قىلدىم.
كۆزنەك مۇلازىمىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى ئۇزارتىش-- قاتناش باشقۇرۇش كەسپىدە «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» نى ئىشقا ئاشۇردى. «قاتناش باشقۇرۇشتىكى 12123» ئالاقە تورى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتناش باشقۇرۇش كەسپىدە «توردا بېجىرىش، ئالقاندا باشقۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇردى. كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاھالە ئېلىجان غۇجائابلا مۇنداق دېدى: مەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يېنىك دەرىجىدە سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدىم. مەن بۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرىۋالغان بولغاچقا ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ، تورغا چىقاردىم. ئويلىمىغان يەردىن سۇغۇرتا شىركىتى ۋە قاتناش ساقچى تارماقلىرى شۇ كۈنى توردا ھادىسەمنى بىر تەرەپ قىلىپ بەردى. «قاتناش باشقۇرۇشتىكى 12123» سىستېمىسى ھەقىقەتەن بەك قولايلىق ئىكەن.
نۆۋەتتە، «قاتناش باشقۇرۇشتىكى 12123» ئالاقە تورى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسىدا، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئالدىن كېلىشىش، توردا نومۇر تاللاش، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەرەپ قىلىش، پىراۋىنى تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشىش قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى 100 تۈرلۈك مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2018- يىلى ئالاقە تورىدا رويخەتكە ئالدۇرغان جەمئىي 5 مىليون 680 مىڭ كىشى ۋە 4 مىليون 190 مىڭ يان تېلېفون APP ئابونتىنى توردا 20 مىليون 970 مىڭ قېتىم كەسىپ بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتى پەن- تېخنىكا يېتەكچىلىكى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ فەن مۇنداق دېدى: بىز 2019- يىلى «قاتناش باشقۇرۇشتىكى 12123» سىستېمىسىنىڭ ئاۋاز سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس توردا ئۆلچەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، بۇ سىستېىمىنى ئاساسلىقى 4S دۇكىنى، سۇغۇرتا شىركىتى، نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي كارخانىلارنىڭ بىزنىڭ قاتناش باشقۇرۇش كەسپىمىزنى ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ئىشلىتىمىز. بۇنداق قىلىش بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى