قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۇختا ئاساس سالدى

2019-01-14 11:52:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، يوللار گىرەلىشىپ بىر- بىرىگە تۇتاشقان، ھەر قايسى ھالقىلار ئۆزئارا باغلانغان، ناھىيەلەر ئۆزئارا تۇتاشقان چوڭ قاتناش ئايلانما تورى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئاساس سالدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى بيەن يېچىڭ ئۇستام لىق قىچا قاچىلانغان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىگە قاراپ مېڭىپ، ئاندىن 2.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تىكەس تونىلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دۆڭمازاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ، ئاخىرىدا سانجى شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
تېكەس تونېلى دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىدىكى دۆڭمازاردىن تېكەس بۆلىكىگىچە بولغان ھالقىلىق تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. بۇ تاشيول 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇ يول غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، يول بويىدىكى جايلارنىڭ قاتناش- تىرانسىپورت شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بيەن يېچىڭ مۇخبىرغا يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىن تېكەس ناھىيەسىگە بارىدىغان مۇساپىنىڭ بىر سائەتكە يېقىن قىسقارغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يول تار ھەم تىك، دۆڭ ھەم ئەگمە كۆپ، خەتەرلىك، بەزى جايلاردا يەنە لاي- لاتقا ئېقىنى بولۇپ، يول يۈزى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن جايلاردا ماڭماق تەس ئىدى. ھازىر، بۇ يولدا مېڭىش ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ۋاقىت جەھەتتىلا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت تىجەپ قىلىنىدىغان بولدى. بۇ شوپۇرلارغا نىسبەتەن بىر خۇشخەۋەر.
دۆلەت يولى 577- لىنىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش پىلانىدىكى «توغرىسىغا بەش، ئۇزۇنىسىغا يەتتە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، يۇقىرى دەرىجىلىك يول تورى» دىكى ئۇزۇنىسىغا ياسالغان 3- يول. يەنى «قاناستىن يېڭىسارغىچە بولغان تاشيول» نىڭ مۇھىم قىسمى، شۇنداقلا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غول تاشيول تورىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى. باي بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، 2018- يىلىغىچە جەمئىي 29 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. نۆۋەتتە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا يوللار گىرەلىشىپ بىر- بىرىگە تۇتاشقان، ھەر قايسى ھالقىلار ئۆزئارا باغلانغان، ناھىيەلەر ئۆزئارا تۇتاشقان چوڭ قاتناش ئايلانما تورى ئەندىزىسى ئاساسەن شەكىللەندى.
بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن لى بىن ئىلى ئوبلاستىنىڭ يول قاتنىشىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا شاھىت بولدى. 10 يىل ئىلگىرى لى بىن دادىسىنىڭ قولىدىن 10 يىلدىن بۇيان باشقۇرىۋاتقان مال توشۇش ئۇچۇر بۆلۈمىنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇچۇر بۆلۈمى يۈك توشۇش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، يېمەك- ئېچمەك، ياتاق بىر گەۋدە قىلىنغان غۇلجا شەھىرى غەربىي شىمال ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا كۆچۈپ كىردى. لى بىن مۇخبىرغا، قاتناش تورىنىڭ راۋان بولۇشى ئۇنىڭ سودىسىنى جانلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول تورى ناھايىتى تەرەققىي قىلدى. ئىچكىرىنىڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى شىنجاڭغا كۆپلەپ كەلدى، ئىلىدىمۇ ناھايىتى كۆپ. شۇڭا، ئەشيا ئوبوروتى، مال تەقسىملەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھەر كۈنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بەش يۈك ئاپتوموبىلىدا مال توشىۋاتىدۇ. 
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئوبلاست ئارا يول ياساشنى بۆسۈش ئېغىزى، ناھىيە قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، ناھىيە، يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قاتناش قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىنىڭ غۇلجا- دۆڭمازار يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، قوش غەرب تاشيولىنىڭ قورغاستىن ئۆتىدىغان بۆلىكى قاتارلىق 15 دۆلەت يولى غول يول قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە بىر قانچە يېزا- كەنت يوللىرىدا ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشى باشلىنىپ ياكى پۈتۈپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غول يولى تېز سۈرئەتتە راۋانلاشتى. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ- تەرەپكە تۇتىشىپ، يېزا-كەنت يوللىرىنىڭ ئۆمۈچۈك تورىدەك زىچ ئورۇنلىشىش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. ئىلى ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسىپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شياڭچياڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق جايلارنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 14 مىڭ 68 كىلومېتىرغا يەتتى. ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردىكى بارلىق يېزا- بازار ۋە مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدىكى يوللارغا ماي يىيىتىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى ئاساسىي يول قىلىنغان، ئوبلاستنى قاپلىغان، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەتراپقا تۇتاشقان، ناھىيە، يېزا يوللىرى تومۇر قىلىنغان، شەھەر- يېزىلارنى تۇتاشتۇرغان يول تورى شەكىللەندى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى