قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەرخۇ، راۋاپلار ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭرىتىش

2019-01-14 12:05:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاۋات مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇزىكا ئەترىتى قېرىنداشلار گۇرۇپپىسى» دىكى ۋېي نىڭجى بىلەن ئوسمان مەمەتنىڭ ئەرخۇ بىلەن راۋاپتا چالغان نادىر مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇ ئاكا- ئۇكىلار مۇزىكا ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقنى مەدھىيلىمەكتە. 
«قېرىنداشلار گۇرۇپپىسى» تىلغا ئېلىنسىلا مۇزىكا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋېي نىڭجى توغرىسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋېي نىڭجى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبىيات-سەنئەتنى ياخشى كۆرەتتى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۇ قىزغىنلىقىنى نامايەن قىلىپ، مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەڭكەش قىلالايدىغان ھەمراھ تاپالمىدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، 69 ياشلىق ۋېي نىڭجى ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ ئوسمان مەمەت بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ۋېي نىڭجى مۇنداق دېدى: بىز ئەسلىدە تونۇشمايتتۇق، مۇزىكا بىزنى يېقىنلاشتۇردى. ئۇ راۋاپ چالسا مەن ئەرخۇ چالدىم. ئىككىمىز پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، بىرلىكتە مۇزىكا چالدۇق.
ئىككەيلەن تونۇشقاندىن كېيىن دائىم بىللە رېپېتىتسىيە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇردى. بىر نەچچە ئاي ماسلىشىش ئارقىلىق، ئىككەيلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇزىكا ئەترىتى قېرىنداشلار گۇرۇپپىسى» نى تەشكىللىدى. ھازىر ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن دائىم راۋاپ، ئەرخۇ بىلەن «ياشىسۇن ماۋجۇشى»، «شەرق قىزاردى»، «دېڭىزدا پاراخوت رولچىغا تايىنار» قاتارلىق قىزىل كىلاسسىك ناخشىلار ۋە يەرلىك خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇندايدىغان بولدى. ئىككەيلەن ئورۇندىغان مۇزىكىلار مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ماۋ رۈي مۇنداق دېدى: ئوسمان تاغا بىلەن ۋېي بوۋامنىڭ بىزگە ئېرخۇ بىلەن راۋابتا مۇزىكا ئورۇنداپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالاقىسى ئېلىپ بېرىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئارىلىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. ھەر مىللەت ئاممىسى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا شىنجاڭ تېخىمۇ مۇقىم، ئىناق بولىدۇ.
ئىككى ياشانغان كىشى ناھايىتى ياخشى ماسلىشاتتى، يېقىملىق مېلودىيە ئۇلارنىڭ بارمىقىنىڭ يۆتكىلىشىدىن چىقاتتى. مۇزىكا ئەترىتىدە، مۇزىكا ئىككى قېرىنداشنىڭ ئورتاق تىلى بولۇپ قالدى. ئۇلار كۈندىلىك كىچىك ئىشلاردىن قېرىنداشلىق مېھرىگە ئېرىشتى. ئوسمان مەمەت مۇنداق دېدى: مەن ئىنىم بىلەن داۋاملىق ۋەتەننى كۈيلەيدىغان، خەلقنى مەدھىيلەيدىغان مۇزىكىلارنى ئورۇندايمەن. ئىنىم ماڭا يەنە بىر قانچە مۇزىكا ئۆگىتىپ قويىمەن، دېدى. مەن چوقۇم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى ئۆگىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى، خەلقنى كۈيلەيمەن.
ھازىر مەيلى مەھەللە مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسى ياكى مەھەللە پائالىيەت مەيدانى بولسۇن، ئىككى قېرىنداشنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەھەللە ئۇلارغا ئويۇن قويۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە توققۇزاق بازىرى ئاۋات مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جەن چۈەنيىن مۇنداق دېدى: مۇزىكا ئارقىلىق ياشلارنى تەربىيەلەپ، قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، ياش ئەۋلادلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى