قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەر- ئايال غۇپۇر ئەخمەت بىلەن ئالمىرە ئەركىن ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا يۈزلىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چىمەن بازىرىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنى قۇردى

2019-01-14 12:11:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرىدىكى90- يىللاردا تۇغۇلغان ئەر- ئايال غۇپۇر ئەخمەت بىلەن ئالمىرە ئەركىن ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا يۈزلىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چىمەن بازىرىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنى قۇردى. بىر يىلدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئايلىق تىجارەت سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
كۇچا ناھىيە چىمەن بازارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىغا كىرگەندە، ماللار ناھايىتى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، غۇپۇر ئەخمەت ئەر- ئايال ئىككەيلەن مال جاھازىلىرىنى رەتلىگەچ كەنت ئاھالىلىرىگە تېلېفون بېرىپ مېلىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇراتتى.
2017-يىلى كۇچا ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى يولغا قويدى. غۇپۇر ئەخمەت ئەر- ئايال ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇردى. دەسلەپتە، مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئاساسلىق كەسپى توردىن ۋاكالىتەن مال سېتىۋېلىش بولدى. ئەينى چاغدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا-- چىمەن بازىرىدىكى دېھقانلارغا نىسبەتەن يەنىلا يېڭى شەيئى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاساسەن ھىچقانداق سودا بولمىدى. بۇ غۇپۇر ئەخمەتنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نەچچە قېتىم ۋاز كېچىشنىمۇ ئويلىدىم. ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشى بىلمەيتتى، سودىمۇ يوق ئىدى. كېيىن ئۆزۈم بىر ئامال قىلىپ بىر نەچچە قېتىم ناھىيە بازىرىدىكى تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە بىرىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىنى ھەمكارلىشىپ قىلىشىپ بەردىم. بىز قايتىپ كەلگەندە، چىمەن بازارلىق ھۆكۈمەت بىزنى تەشۋىق قىلدى، ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى بىزگە يول كۆرسەتتى. ھازىر سودىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى مال ئالغىلى كېلىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ، تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق ئادەم مال ئالىدۇ.
«ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك، ھازىر غۇپۇر ئەخمەت ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ تىجارەت قىلىدىغان مۇلازىمەت نۇقتىسىنىڭ ئايلىق تىجارەت سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بولدى. كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى چولپان مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنى يىللىق باھالاشتا، ئۇلار «چولپان مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مۇلازىمەت پونكىتى ئاستا- ئاستا ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككىيلەن بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ توردا مال سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. كۇچا ناھىيە چىمەن بازىرىدىكى شېن خۇڭيەن مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ئادەتتە توردىن مال سېتىۋالىمىز. بۇ يەر بىر قەدەر قولاي، كۇچا ناھىيە بازىرىغا بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، مۇلازىمىتىمۇ بىر قەدەر ياخشى.
ئەر- ئايال ئىككىسى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، يەنە «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بازارلىق ھۆكۈمەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ بېرىپ، نامراتلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. غۇپۇر ئەخمەتنىڭ ئايالى ئالمىرە ئەركىن مۇنداق دېدى: نامرات ئائىلىلەر توردىن مال سېتىۋالسا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا نەرسە ئەۋەتسە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ماللىرى «جۇڭتيەن» ئەشيا ئوبوروتىغا كەلگەندە، بىز ئۇلارغا ھەقسىز ئەكىلىپ بېرىمىز.
ئېلېكتىرونلۇق سودىنى بارا- بارا ئاھالىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەر- ئايال ئىككىسىنىڭ مۇلازىمەت پونكىتى بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھازىر، ئۇلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بازاردىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئالمىرە ئەركىن مۇنداق دېدى: تاۋباۋدا تور دۇكىنى ئېچىپ، چىمەن بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاۋباۋدا سېتىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم قىلىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى