قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، تېخىمۇ يېشىل، تېخىمۇ زامانىۋىي بولدى

2019-01-15 17:37:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مول ھوسۇل ئېنىقلىمىسى ھوسۇل قوغلىشىشتىن سۈپەت قوغلىشىشقا يۈزلىنىپ بارغانسىرى بېيىماقتا.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

▲ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بۇغداي، پاختا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قەدىمىنى ئالغا سىلجىتتى. پاختىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى سۈپەت، تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى ئۈنۈمنى قوغلىشىشقا يۈزلەندى. كۈچلۈك تىندۇرما بۇغداي، ئورگانىك بۇغداي، مول سېلىنلىق بۇغداينى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق، دانلىق كۆممىقوناق، سىلوس قونىقى قاتارلىق يېڭى سورت تېرىقچىلىقى بارغانسىرى ئومۇملىشىپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قەدىمى تېزلىتىلدى.

▲ نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مول سېلىنلىق، ئورگانىك، كۈچلۈك تېندۇرما بۇغداينىڭ 3 خىل تېرىقچىلىق تېخنىكا قائىدىسى شەكىللىنىپ، بۇغداينى كۆپ مەنبەلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئاساسى ھازىرلاندى. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ماشىنا بىلەن پاختا يىغىپ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەننەرخىنى تېجەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى چوڭ تىپتىكى باشلامچى كارخانىلار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئوبوروت قىلىپ، كېۋەزنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشنى كېڭەيتىشكە ئاساس سالدى.

▲ بۈگۈنكى كۈندە، ھوسۇلغا قاراپ نەتىجىگە باھا بېرىش ئىدىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆتمۈشىگە ئايلاندى. سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشماقتا.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزا تۆۋەنكى لايقا كەنتىدىكى دېھقان ئەلىتوختى مەمەت مۇنداق دېدى: ئىلمىي ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دەرەخ سايىسى چۈشىدىغان تۇپراقنى ئوغۇتلىغاندا، ئوغۇتنى تېجەپ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە ھوسۇلنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاشۇرغىلى بولىدۇ. دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ ياردىمىدە، 2018- يىلى ئەلىتوختى مەمەت يېڭى ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىسراپچىلىق ۋە بۇلغىنىشنى ئازايتىپلا قالماي، ياڭاقلىرىنىڭ سۈپىتىنىمۇ ئۆستۈردى.

▲ بۈگۈنكى كۈندە، يېشىللىق-- ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي رەڭگىگە ئايلاندى. كۆپلىگەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە مۇھىت ئاسراشتا قوش ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كېرەكسىز ئورالما تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

▲ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنىمۇ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %61.7 كە يەتتى، دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز يېزا- بازار (ناھىيە بازىرى) 26 گە كۆپىيىپ، 58 ناھىيە (شەھەر، رايون) دىكى يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھىتى نازارەت قىلىپ كۈزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

▲ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى-- زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇق- مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق ئاساسىدا، يەرنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىنى ئاشۇردى.

يەر ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ئېنىق ئايرىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن نۇرغۇن ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئازات بولۇپ، شەھەر- بازارلارغا كىرىپ، يېڭى خىزمەت تېپىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

▲ 2018- يىلى 12- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۆلچەنگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 30 مىليون مودىن ئېشىپ، ۋەزىپە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %96.90 تى تاماملاندى. ئائىلە ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» رامكىسىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا يەرلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يەنىمۇ «جانلاندۇرۇلدى». يەر ھوقۇق- مەنپەئەتىنىڭ ئېنىق ئايرىلىشىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى. ھازىر، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى