قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كورلىنىڭ قۇرۇق مېۋە- چېۋىلىرى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات سودا مەۋسۈمغا قەدەم قويدى

2019-01-15 17:40:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىشنىڭ زېمىستان سوغۇقى باشلاندى. موشۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان كورلا شەھەر ئاھالىلىرى چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولدى. قۇرۇق مېۋە- چېۋىلەر نۆۋەتتە نۇرغۇن ئائىلىلەر چاغانلىق مال سېتىۋالغاندا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىككە ئايلانغان بولغاچقا، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات سودا مەزگىلىنى كۈتىۋالدى.

كورلا شەھىرىدىكى تۈرلۈك قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىدىكى ئۆزگۈرۈش ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتى. سودىگەرلەر بىر ئاي بورۇنلا ماللىرىنى تولۇقلاپ چاغاندىن بۇرۇنقى ئاۋات سودا مەزگىلىنى كۈتىۋېلىشقانىدى.

▲ ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قۇرۇق مېۋە- چېۋىلەرنىڭ باھاسىدا ئۆزگىرىش ئۇنچە چوڭ ئەمەسكەن، پەقەت پىستە، ياڭاقنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئىككى يۈەن ئۆرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن قۇرۇق مېۋە- چېۋە دۇكانلىرى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىپ، قۇرۇق مېۋە- چېۋە سېتىۋالغان خېرىدارلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەچكە، خېرىدارلار سېتىۋالغان قۇرۇق مېۋە- چېۋىلىرىنى يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. يەنە نۇرغۇن قۇرۇق مېۋە- چېۋە سېتىش دۇكانلىرى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بەس- بەستە قۇرۇق مېۋە- چېۋە سوۋغات قۇتىلىرىنى بازارغا سېلىشقان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى