قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش يولىغا پايانداز بولغان <سۈتچىلىك قوشۇلغان قېتىقچىلىق> ئەندىزىسى

2019-01-15 17:41:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى باش تېرىم كەنتىدىكى «كىچىك زىرەك» سۈت مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈدەك بولسىڭىز، رەتلىك سېلىۋېتىلگەن زاۋۇت سېخلىرى، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر، سوغۇق ساقلاش ئۆيى، لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆيى، ئېچىتىش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇقلۇقىنى، ئىشچىلارنىڭ ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنداقلا، ھەر بىر ساندۇقتىكى ساپ قېتىقتىن تارىلىۋاتقان مەززىلىك سۈت ھىدى شۇ زامان گۇپپىدە دېمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئابلا مۇنداق دېدى: ھازىر قېتىقلىرىمىزنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى مىڭ قاچا قېتىق سېتىۋاتىمىز. چۈنكى، بىزنىڭ قېتىقلىرىمىزنىڭ ئېچىشلىكىلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ناھىيە بازارلىرىدىكى بىر قىسىم خېرىدارلار بۇ يەرگە كېلىپ مەخسۇس قېتىق سېتىۋالىدۇ.

▲ 2018- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىلىرىنىڭ تېرىم يېزا باش تېرىم كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ سۈت كالىسى بېقىۋاتقانلىقى، لېكىن سۈتىنى ساتالمايدىغانلىقىنى ئىگىلىدى. خىزمەت ئەترىتى بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قېتىقنىڭ بازار ئىستىقبالىغا كۆز تىكتى ھەمدە كەنتتىكى 66 باقمىچى ئائىلىسى ۋە بېيىش باشلامچىلىرىنى پائال يېتەكلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى (قېتىق ئۇيۇتۇش زاۋۇتى) ۋە دېھقانلار ئائىلىسى» ئۆز ئارا قۇشۇلغان شەكلىدىكى «كىچىك زىرەك» سۈت مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپ مەسئۇللىرىنى ئەتراپتىكى رايونلاردىكى قېتىق زاۋۇتلىرىغا بېرىپ زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، قېتىق ئۇيۇتۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

▲ ئىككى ئايدىن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ساپ تەملىك يەرلىك قېتىق ئويۇتۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ قېتىق بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، يېڭىلىقى، يېشىل، ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. خىزمەت ئەترىتى كۆلەمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، زامانىۋىلاشقان قېتىق ئۇيۇتۇش سېخى قۇردى ھەمدە يەرلىك قېتىقلىرى ئۈچۈن ماركا ئىلتىماس قىلدى.

▲ 2018- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ قېتىقنىڭ سېتىلىش سوممىسى 700 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنى سۈت سېتىش يوللىرى بىلەن تەمىنلەپ، كەنتنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە 14 نامرات ئائىلىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق كىرىمىنى 2 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. «سۈتچىلىك بىلەن قېتىقچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى پەيزىۋات دېھقانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق شەكلىدىن ھالقىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى جانلاندۇرۇپ، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

▲ تېرىم يېزىسى باش تېرىم كەنتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بىرلەشمە خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جياڭ خۇي مۇنداق دېدى: يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى پات يېقىندا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە 200 ئائىلىلىك دېھقاننى يېڭى سۈت بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلالايمىز. مۆلچەرىمىزچە، موشۇنداقلا بولسا ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. بىز ئىشلەپچىقىرىۋاتقان سۈت مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ تۈرىنى كېڭەيتىپ، كوپىراتىپمىزنىڭ سۈتلۈك ماروژنا ۋە ئادەتتىكى ماروژنا ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، «شىركەت، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق بازىسى، دېھقان ۋە بازار» ئۆز ئارا قوشۇلغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىقچىلىق ئارقىلىق باقمىچىلىققا، باقمىچىلىق ئارقىلىق تېرىقچىلىققا تۈرتكە بۇلالايدىغان ئايلانما زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىمىز ئۈچۈن خەلقنى بېيىتىپ، كەنتنى قۇدىرەت تاپقۇزىدىغان بېيىش يولى بەرپا قىلماقچىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى