قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

2019-01-16 13:15:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار يېزىلاردىكى1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
مۇشۇ ئاينىڭ11- كۈنى، ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجۇۋەن بازىرى ۋاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى «ئالتۇن ياڭيۇ» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پىنتوزا پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا، كوپىراتىپ ئەزالىرى ياڭيۇ پىنتوزىسىنى قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن ۋەنخۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر كوپىراتىپىمىزنىڭ يۇقىرى سېلىنلىق ياڭيۇ تېرىش كۆلىمى 6 مىڭ موغا، قارا ياڭيۇ تېرىش كۆلىمى 300 موغا، سورتلۇق ياڭيۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش بازىسىنىڭ كۆلىمى 2 مىڭ موغا يەتتى. ياڭيۇنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پىنتوزا پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسى كىرگۈزۈپ، يۇقىرى سېلىنلىق ياڭيۇدىن پىنتوزا ئىشلەپ، دېھقانلارغا كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردۇق. 2018- يىلى كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 29 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ياڭيۇدىن پىنتوزا ئىشلىگەندە، بىر يىلدا 300 توننا پىنتوزا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 4 مىڭ توننا ياڭيۇ ئىشلىتىمىز. بۇنداق بولغاندا، دېھقانلار ياڭيۇنى سېتىپ چىقىرىش مەسىلىسىدىن غەم قىلمايدىغان بولىدۇ. پىنتوزا ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق يەنە كىرىمىمىزنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجۇۋەن بازىرى-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىشنىڭ قىسقارتىلغان كۆرۈنۈشى ھىساپلىنىدۇ. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش باغچىلاشقان رايونىدىكى ئاقسۇ «خېڭتوڭ» مېۋە شەربىتى چەكلىك شىركىتى نۇرغۇن زاكاز تاپشۇرۇپ ئالدى. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى لى جۈدۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ خەلقئارا بويىچە ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە قويۇلدۇرۇلغان مېۋە شەربىتىنى ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار. زامانىۋىلاشقان مېۋە- چىۋە ۋە كۆكتات شەربىتى پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر- سەنئىتى قوللىنىلغان بولۇپ، سائىتىگە 80 توننا خام ماتىرىيالنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدۇ. نۆۋەتتە %90 تىن كۆپرەك مەھسۇلات شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، روسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا سېتىلماقتا. ھازىر، ئىشلىنىۋاتقان بۇ ماللارنىڭ زاكاز تالونىنى بۇ ھەپتە ئىچىدە تاپشۇرۇۋالدۇق، روسىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. مال مىقدارى جەمئىي 3 مىڭ توننا بولۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق توشۇلىدۇ. مۆلچەرلىشىمىزچە، بىر ھەپتە ئىچىدە بۇ 3 مىڭ توننا مالنىڭ ھەممىسى توشۇلۇپ بولىنىدۇ، كېلەر ھەپتە يەنە بىر قىسم ماللار جەنۇبىي ئافرىقىغا توشۇلىدۇ.
جايلاردىكى ھۆكۈمەت1-، 2-،  3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كارخانىلارغا پائال سەھنە ھازىرلاپ بەردى. نۆۋەتتە، ئونسۇدىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچا رايونىغا 11 كۆلەملەشكەن كارخانا، 13 ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق كارخانىسى، 20 دىن ئارتۇق دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ماكانلىشىپ، 11 مىڭ دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئونسۇدىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ گوبىڭ ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باغچا رايونىمىز تىپىك ھالدىكى1-،2-،3- كەسىپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن باغچا رايونى بولۇپ، زامانىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 1- كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشى قىيىن بولۇش، باھاسى تۆۋەن بولۇش ۋە سۈپىتى ياخشى بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛2- كەسپتە دېھقانلارنى كەسپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛3- كەسپتە ئاساسلىقى پەن- تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسكىلاتتا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، مۇلازىمەت كەسپى شۇنىڭدەك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، 1- كەسىپتە ئۇلنى مۇستەھكەملەش، 2- كەسىپتە يادرونى كۈچەيتىش،3- كەسىپتە كۆلەمنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان1-، 2-،3- كەسىپنى بىرلەشتۈرۈشتەك تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، بازىنى زورايتىش، كوزىر مەھسۇلات يارىتىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش تەسەۋۋۇرى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۇشنى پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: 2019- يىلى، بىر تۈركۈم تەرەققىيات ئاساسى ياخشى، تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكىلىك رولى چوڭ، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللايمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلار شىنجاڭغا كىرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ھالقىلىرىغا يۈزلىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شۇ جايدا پىششىقلاپ ئىشلەپ، قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى