قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى

2019-01-17 19:04:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە- باج ۋە سودا- سانائەتنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئازايتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بازار مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى.
ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (يېڭى شەھەر رايونلۇق) باج ئىدارىسىنىڭ باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش زالىدا، باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن كەلگەن شىنجاڭ تەتقىقات بۆلۈمى ئېنېرگىيە تېجەش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە مەسئۇلى يۈەن يىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ يەتتە تۈرلۈك باج كېمەيتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2018-يىلى شىركەتنىڭ نۇرغۇن چىقىمى تىجەپ قىلىندى. يۈەن يىڭ يەنە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ساپ پايدىمىز 7 مىليون 690 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ھازىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار %15 تاپاۋەت بېجىدىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ، ئەسلىدە %25 باج تاپشۇرۇش كېرەك ئىدى، يېڭى سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە باجدا 1 مىليون 250 مىڭ يۈەن ئېتىبار قىلىندى. تېجەپ قالغان مەبلەغنى يېڭى تۈرلەرنى يولغا قويۇش، يېڭى مەھسۇلات ئېچىشقا ئىشلىتىمىز. بۇنىڭ قىلغاندا، ئوخشاش كەسىپتىكىلەر رىقابىتىدە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولالايمىز.
يەتتە تۈرلۈك باج كېمەيتىش مەزمۇنىغا ئاساسەن، 2018-يىلى دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ باج ئىدارىسى «گوۋۇيۈەننىڭ يەتتە تۈرلۈك باج كېمەيتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تۈزۈپ چىقتى. نۆۋەتتە، گوۋۇيۈەننىڭ يەتتە تۈرلۈك باج كېمەيتىش سىياسىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەخمىنەن 15 مىڭ باج تاپشۇرغۇچىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ باج يۈكىنى 810 مىليون يۈەن يېنىكلەتتى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ باج ئىدارىسى كارخانا تاپاۋەت بېجى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جېمىن مۇنداق دېدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىغا قارىتا بەزى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا قارىتامۇ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا قارىتىلغان سىياسەتلەرمۇ بار. بۇ سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كارخانىلارنى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت.
ئاپتونوم رايونىمىز كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى باجدىن بۇرۇن قوشۇپ ھىسابلاپ تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
2018- يىلى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ھەقنى ئازايتىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى راخمانجان داۋۇت مۇنداق دېدى: كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى %19 كە چۈشۈرۈلدى. بىر تۇتاش غەملىنىدىغان جايلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھازىرقى ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ئاساسىدا باج تاپشۇرۇش نىسبىتىنى %20 تىن %50 كىچە تۆۋەنلەتتى. كارخانىلار ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى توشقان پېنسىيەگە چىققانلار، خىزمەتتىن چېكىنگەنلەر ئۈچۈن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرماسلىقنى داۋاملىق ئىجرا قىلدى. بۇ ئارقىلىق بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا چىقىمى 3 مىليارد 100 مىليۈەن يۈەن ئازايتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كارخانىلارنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىشنى توردا بېجىرىش، كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى تىزىملاشقا ئىجازەت بېرىشتىن چېكىنىپ چىقىشقىچە بولغان جەريان، پۈتۈن ھالقىنى قولايلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. 2018- يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ «12 گۇۋاھنامىنى بىرلەشتۈرۈش» نىڭ دەرىجىسى «26 گۇۋاھنامىنى بىرلەشتۈرۈش» كە ئۆستۈرۈلۈپ، ئەنگە ئالدۇرۇش، تىزىملاش ئىشلىرى ئازايتىلدى. قۇمۇل شەھەرلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانا تىزىملاش رويخەتكە ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شەھەر بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ كەسپ بېجىرىش ۋاقتىنى سەككىز يېرىم كۈندىن ئاشۇرۋەتمەسلىك نىشان ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سودا- سانائەتنى تىزىملاش، رويخەتكە ئېلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان سىياسەت- تەدبىرلەر ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى